كېيىنكى يىللاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مىللىي داۋا يولىدا كۆپلىگەن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەمدە ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ، ئايرىم مەملىكەتلەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى بارغانسىرى كۈچەيمەكتىكەن. ئۇنداقتا، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن بىرلىكتە 2020-يىلنى ئۇزىتىپ، 2021-يىل ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي داۋا ھەرىكىتىدە نېمىلەرگە ئېرىشتى ھەمدە كېلەچەكتە نېمىلەرنى ئۈمىد قىلىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بىر قاتار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي داۋا ھەرىكىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ ھەرىكەتنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ، كۈچىيىپ، ھازىر خەلقئارادىكى مۇھىم ۋە جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشكە بولىدۇ. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۇ ھەرىكەتكە ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى سەۋەبىدىن 2020-يىلنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ئېغىر يىل بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم باشقىمۇ تەشكىلاتلار چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى دەپ خۇلاسىلىسەك توغرا بولىدۇ، دەپ ھېسابلايمەن. مەسىلەن، تۇنجا قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى بويىچە قانۇن قوبۇل قىلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە ئىككى قانۇن بار. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى ۋە ھەر خىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى، يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرىنى ژازالىشى. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەڭ مۇھىمى بۇ يىل خىتاينىڭ ئامېرىكاغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان تاجاۋۇزچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دوكلات ئېلان قىلدى. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىش ئۈچۈن بۇيرۇق بەردى.»
قەھرىمان غوجامبەردى يەنە مۇشۇنىڭ بارلىقىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قولغا كەلگەن ئۇتۇقلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن 2021-يىلى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئىتىراپ قىلغۇزۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرىستاننى، يەنى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ بېسىۋالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە قارشى قانۇنلارنىڭ ئالدۇرۇش ۋە ھاكازا.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ژۇرنالىست، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى رىزا سەمەدى ئەپەندى 2020-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىكلىكى، خىتاينى قاندۇقتۇر بىر مۆجىزە ياراتقۇچى دۆلەت دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىغان غەرب ۋە ياۋروپادىكى دېموكراتىك ئەللەر ئۇنىڭ ئەڭ ئۇچىغا چىققان، ئالدامچى، ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنى يامان كۆرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ چۈشەنگەنلىكىدە. بۇنى ئەڭ ئالدىدا قۇدرەتلىك ئەل ئامېرىكا تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ۋەھشىيانە سىياسىتىدىن ئوچۇق كۆردى. مۇنداق بولۇشىغا دېموكراتىك ئەللەردىكى مۇھاجر، مىللەتپەرۋەر ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ رەت قىلىپ بولمايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ بارغانلىقىدا. ئەنە شۇلار ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىي قانۇنىنى قوبۇل قىلىشىغا، ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر نەچچە قانۇن لايىھەلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.»
رىزا سەمەدى بۇ قانۇنلارنىڭ كۆپلىگەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا قارشى كەسكىن چارە قوللىنىدىغانلىقىنى ئويلاشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «كەلگۈسى بىر يىلنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ ياخشى داۋام قىلىدىغانلىقىغا، خىتاي سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەت دەپ قوبۇل قىلىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇستەھكەم بىرلىك، ئىتتىپاقىمىز ئارقىلىقلا ھوقۇقسىز، دەرتمەن خەلقىمىزنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرەلەيمىز.»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ كومىتېتى مۇدىرى، تىلشۇناس كاندىدات دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا خانىم 2020-يىلى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئازابلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىز سورالمىدۇق. بىراق قانچىلىك ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋاتىمىز. ھازىر ئۇيغۇر خەلقى يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مۇشۇ يىلى ئۇيغۇر داۋاسىنى كەڭ دائىرىدە دۇنياغا ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇتۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئابرۇيىمۇ ناھايىتى ئۆرلىدى. شۇنداق بىر پەيتتە بىز، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار نېمە قىلالايمىز دېگەندە، بىز ئالدى بىلەن ئۆز كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى كىرىۋاتقان 2021-يىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىد يىلى. ۋەتىنىمىز ئازاد بولسا، تۈرمىلەرنىڭ، جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، تۇغقانلىرىمىز بىلەن، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن كۆرۈشسەك دېگەن ئۈمىد يىلى.»
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدا ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندى ئۆتكەن يىلنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن كرىزىس يىلى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەمما ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۇتۇقلار زور بولدى. ئۇيغۇر داۋاسىنى 2020-يىلى پۈتكۈل دۇنيا سىياسىيونلىرى پەقەت ئاڭلاپلا قالماي، بەلكى كۆپىنچىسى ھەقىقەتنى چۈشىنىپ، ئۇيغۇرلارغا دەستەك بەردى. كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ۋەتىنىمىزنىڭ زالىم خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەلق ئىكەنلىكىنى تونۇتتۇق ھەم خەلقئارا تونۇپ يەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرىمىز، مەزلۇم خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ، ۋەتىنىمىز ئازاد بولۇشىغا ھەرىكىتىمىزنى باشلايمىز. ھەممىمىز بىر-بىرىمىزنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ دەستەكلىسەك، كېلەچىكىمىزنىڭ پارلاق بولۇشىغا ئىشەنچىم كامىل.»
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا، يەنى 30-دېكابىردا قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۆۋەتتىكى «ئاخباراتنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا 2020-يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەت، ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ دېكابىر ئېيىدىكى پائالىيەتلىرى يورۇتۇلغانكەن. ئۇنىڭدا شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىپلەش سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ھەم ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ئورۇن ئالغان.