تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 30-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيەنىڭ 2020-يىللىق تاشقىي سىياسىتىنى خۇلاسە قىلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» ياكى ئەدلىيە جەھەتتىن ھەمكارلىشىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي بىلەن تۈزگەن بۇ كېلىشىمنى ‹تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىكەن› دەپ چۈشەندۈرۈش توغرا ئەمەس.»

تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ جاۋابىدا خىتاينىڭ تۈركىيەدىن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، لېكىن تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بەزى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيە بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىدى. بىز خىتايغا تېررورچىلار بىلەن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئېنىق ئايرىشى كېرەكلىكىنى، ‹تېررورلۇق› نى باھانە قىلىپ بىگۇناھ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.»
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ كېلىشىمنىڭ تېخى تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ماقۇللىنىش ياكى ماقۇللانماسلىقىغا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ قارار بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
مەزكۇر كېلىشىم ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن ئەدلىيە كومىتېتىدا بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى يىلماز تۇنچ ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بۇ خىل كېلىشىملەرنى تۈزگەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا قايتۇرۇش توختامنامىسى› تۈزگەن نۇرغۇن دۆلەتلەر بار. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس، بۇنداق بىر ئىش يوق. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى مەڭگۈ قوغدايمىز. بۇ كېلىشىمنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.»
ئۇنداقتا، بۇ كېلىشىم تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللىقتىن ئۆتەرمۇ؟ ناۋادا ئۆتكەن تەقدىردە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى يىلماز تۇنچ ئەپەندى دېگەندەك بۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن راستىنلا مۇناسىۋىتى يوقمۇ؟
بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئادۋوكات، پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئەگەر جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ماقۇللىغان تەقدىردە، ئۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىچكىي قانۇنى بويىچە بىر كىشىنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىپ ھۆكۈم بەرگەن بولسا، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ سىرتىدىكىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ‹ئۇيغۇرلارنى قايتۇرمايمەن›، ‹خىتاينى قايتۇرۇپ بېرىمەن› دېيەلمەيسىز؟»
ئادۋوكات، پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى دەپ تۈزگەن بىر تەرەپلىمىلىك كېلىشىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي كېلىشىملىرىنىڭ يولىنى ئېچىش، خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن كېلىشىم. بۇ خىل كېلىشىملار ئادەتتە ئىككى تەرەپنى نەزەردە تۇتقان ھالدا تۈزۈلىدۇ. تۈركىيەدە جىنايەت سادىر قىلىپ خىتايغا قېچىپ كەتكەن ئادەم يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي دىكتاتورلۇق تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان بىر دۆلەت، تۈركىيە بولسا كۆپ پارتىيەلىك دېموكراتىيەلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان دۆلەت. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىمۇ ئۆز-ئارا ماسلاشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە جىنايەتچى مۇئامىلىسى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانماسلىقى كېرەك.»
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانماسلىقى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىنى تۈنۈگۈن پارتىيەمىز، يەنى ‹ئىيى› پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى بىلەنمۇ سۆزلەشتىم. ئۇ ‹سىز بۇ مەسىلە بىلەن مەشغۇل بولۇشنى داۋام قىلىڭ› دېدى. پارتىيەمىز بۇ كېلىشىمنىڭ ماقۇللىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ.»
تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 30-دىكابىر كۈنىدىكى باياناتىدا ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەتنى قاتتىق تەنقىت قىلماقتا. تۈركىيە پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كامىل ئەرئوزان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب بەردى: «پۈتۈن دۇنيا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلەپ، ھەتتا خىتايغا قارشى قانۇنلار ماقۇللاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىماسلىققا سېلىۋېلىش ۋىجدانسىزلىقتۇر. تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر دۆلەت. بۇ قېرىنداشلىرىنى قوغداش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.»
جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى 2017-يىلى تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ ۋە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، 2019-يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان. ھازىر بۇ كېلىشىمنىڭ نۇسخىسى تۈركىيە پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن ئەدلىيە كومىتېتىدا ئىكەن. قاچان مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.