تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىللىق خامچوتى مۇزاكىرە قىلىنماقتا. 15-دېكابىر كۈنىدىكى يىغىندا 6 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇمۇ قاتناشقان يىغىندا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. ئارقىدىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ سۆز ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بىز مەزكۇر مەسىلىنى بىرىنچىدىن خىتاي دۆلىتى ئارقىلىق، ئىككىنچىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق، ئۈچىنچىدىن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقىلىق كۆزىتىۋاتىمىز. بۈگۈنكى يىغىندا پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەرگەن باياناتى توغرىسىدا خاتا مەلۇمات بەردىڭلار. پرېزىدېنتىمىز ‹ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتى ئىچىدە بارلىق ھەق ۋە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ھالدا راھەت ياشىشى كېرەك› دېدى. پرېزىدېنتىمىز ‹ئۇيغۇرلار ياخشى ياشاۋاتىدۇ› دېمىدى. بۇلارنى دېگەن ۋاقتىدا مەن پرېزىدېنتىمىزنىڭ يېنىدا ئىدىم. بۇلار بىزنىڭ ھەققانىي تەلىپىمىز. خىتايمۇ بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك».
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىمۇ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەمىزنى بىلدۈردۇق. مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جىددەدىكى يىغىنىدا، رابەتۇل ئىسلامنىڭ يىغىنىدا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇيغۇر مەسىلىسىدە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار».
بۇ يىل 7-ئايدا تۈركىيە دۆلەت پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىكى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ مەزكۇر ئۇچرىشىشتا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ھەيئەت ئەۋەتىشىنىڭ قارارلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ھازىر بۇنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆرمەسلىككە سالالمايمىز. پرېزىدېنتىمىز 7-ئايدا خىتايغا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا مەسىلىنى دېدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى بولسا تۈركىيەدىن ھەيئەت تەكلىپ قىلدى. ھازىر بىز بۇ ھەيئەت كىملەردىن تەركىب تېپىشى كېرەك؟ قەيەرلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قەيەرلەرگە بېرىشى كېرەك، كىملەر بىلەن يىغىن ئېچىشى كېرەك؟ بۇلارنى ئېنىق بېكىتكەندىن كېيىن ھەيئىتىمىزنى ئەۋەتىمىز. بىز قىرىمغا ئەۋەتكەن كىشىلەر قىرىمدىكى تاتارلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ھەقىقىي مەلۇماتلارنى ئىگىلىگەندەك ئۇيغۇر رايونىغا بارغانلارمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىسۇن دەپ تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.»
مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنى 15-دېكابىر كۈنىدىكى يىغىندا 6 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۇنىڭدىن: «ھازىر ئۇيغۇرلار ئېغىر ۋەزىيەتتە، دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر بۇنىڭغا چارە ئىزدەۋاتىدۇ، سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىغىنىدا ئېيتقانىدى. ئۇ كۈنى سوئال سورىغان «ئىيى»، يەنى ياخشى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ كۈن خامچوت ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىندا 6 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ھەممىسىنىڭ نۇتقى شەرقىي تۈركىستان بىلەن باشلاندى. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنى بۇ ھەقتە سۈكۈتتە تۇرۇۋالدى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى. ئارقىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۆز قىلدى. ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرى 4 ئاي بۇرۇن دېگەنلىرى بىلەن ئوخشاش. ھەيئەت ئەۋەتىمىز دەيدۇ. تېخىگىچە ھەيئەتمۇ ئەۋەتىلمەپتۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز دەيدۇ. بۇ ھەقتە بىر ئىش قىلغان بولسا كۆرەتتۇق. مېنىڭچە، ھېچ قانداق ئىش قىلغىنى يوق».
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تۈركىيەدە يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، زىيالىيلار ۋە خەلق ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشماقتا. بۇنىڭ قانداق تەسىرى بولار؟ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكىچە بۇنداق قىلىشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جامائەتچىلىكى، بىزگە ئوخشاش پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى بىزنى خۇرسەن قىلىۋاتىدۇ. ھازىر تۈركىيە ھۆكۈمىتى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بىز ئىيى پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇنىڭ بۇ باياناتىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ھەيئەت ئەۋەتىمىز دەپ 7-ئايدىن تارتىپ تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ھازىرغىچە ئەۋەتەلمەسلىكىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇلدىكى ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى راگىپ قۇتاي قاراجا ئەپەندى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى زور بېسىم پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە ئاخباراتىغا قارىتا تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى پەيدا بولدى. بۇ بېسىم خىتاي ئەلچىخانىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. كۈتمىگەن يەردىن تونۇلغان گېرمانىيە پۇقراسى تۈرك مەسئۇت ئۆزىل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بەردى، ئۇنىڭدىن كېيىنلا تۈركىيەدىكى تونۇلغان ناخشىچى خالۇق لەۋەنت بايانات بەردى. ئاممىۋى تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيەلەر ھەر كۈن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ھازىر تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە قىيىن ئەھۋالدا.»
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇ يىل 2-ئايدا ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم بايانات بەرگەندىن كېيىنلا سۈكۈتتە تۇرۇشقا باشلىغانىدى.
0:00 / 0:00