تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2020-يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە؟

0:00 / 0:00

تۈركىيە قازاقىستاندىن قالسىلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تۈركىيە زېمىنىغا كۆچۈپ كېلىشى ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

1949-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا كوممۇنىست خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىشكە باشلىشى بىلەن ئەينى زاماندىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ سابىق باش كاتىپى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋاتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

ئۇلار 1954-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلىدا «تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنى، كېيىنچە تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنال چىقارغان.

ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تۈركىيەگە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىلىشقا باشلىغان. ئارقىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1964-يىلى 170 ئائىلە ئۇيغۇرنى ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىگە ئەكېلىپ جايلاشتۇرغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر تۈركىيە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشى تېزلەشكەن. بولۇپمۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن.

2010-يىلى تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىر مۇئاۋىنى بۈلەنت ئارىنچ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا تۈركىيەدە 320 مىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئۇنداقتا، 2019-يىلى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟ ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2020-يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە؟

پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈركئەپەندى 2019-يىلىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 2018-يىلىدىكىگە قارىغاندا ياخشىراق بىر يىل بولغانلىقىنى، 2019-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بولۇپمۇ «جازا لاگېرى» توغرىسىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيەسىنىڭ سۈكۈتنى بۇزغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى 2019-يىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ غەرب ئەللىرىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا يۇقىرى دەرىجىدە كۈن تەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدىمۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە كۈن تەرتىپىگە كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان «ئانادولۇ» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ياخشى ماقالە ۋە خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىمۇ مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇغۇچىسى تاجىگۈل 2019-يىلىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر يىل بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپى ئوقۇغۇچىسى سۈبھىنۇر ئۆمەر 2019-يىلىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن كەسپىي جەھەتتىن 1 پەللە يۇغۇرى كۆتۈرۈلۈش يىلى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

سۈبھىنۇر ئۆمەر 2019-يىلىنىڭ دۇنيادىكى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىش يىلى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنداقتا 2020-يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا تاجىگۈل 2020-يىلىدا ۋەتىنىنىڭ ئازاد بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۈبھىنۇر ئۆمەر بولسا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ 2019-يىلى ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى 2020-يىلىدا ئىككىنچى باسقۇچنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈرك خەلقى ھەر ۋاقىت «ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ئۆز قېرىندىشىمىز»، «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز، بىز مىڭ يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەلگەن» دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا كىشىلەر يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان ئۇچىلىرىدا ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرمەكتە، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تىلىمەكتە.