تۈركىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارى ھەققىدە ئىنكاسلار بىلدۈرۈلدى

0:00 / 0:00

يېقىندا تۈركىيەنىڭ قارارى گېزىتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئىستانبۇل 16-ۋە 18-رايونلۇق مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى مەخمۇت ئىنايەت ۋە ئەركىن ئابدۇۋېلى قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارى ئالغانلىق خەۋىرى كەڭ تارقالغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە كەڭ تۈردە بەس-مۇنازىرە قوزغالدى.

15-مارت كۈنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بەزى ئاخبارات ئورگانلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىق توغرىسىدا ئاساسىي يوق خەۋەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشكە ئېھتىياج تۇغۇلدى. 6458-نومۇرلۇق چەت ئەللىكلەر ۋە خەلقئارالىق قوغداش قانۇنىنىڭ يۇرتىغا قايتۇرۇشنى چەكلەش تارماق قانۇنىنىڭ 4-ماددىسى بويىچە چەت ئەللىكلەر توغرىسىدىكى مەسىلىلەر سەزگۈرلۈك بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ھېچ كىم قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدىغان، مىللىتى، دىنى، مەلۇم بىر گۇرۇپپىغا تەۋەلىكى ۋە ياكى سىياسىي پىكىر-قاراشلىرى سەۋەبىدىن ھاياتى ھەم ئەركىنلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان بىر يەرگە قايتۇرۇلمايدۇ».

ئىستانبۇل رايونلۇق مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 14-مارت، ئىستانبۇل
ئىستانبۇل رايونلۇق مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 14-مارت، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا مەخمۇت ئىنايەت ۋە ئەركىن ئابدۇۋېلى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر شەخسلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى دەۋالارمۇ پۈتۈنلەي ئاساسىي يوق يالغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە ھېچ بىر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلمىدى. مەخمۇت ئىنايەت ئىسىملىك كىشى ئۆزىنىڭ تەلىپىگە بىنائەت ئائىلىسى ياشاۋاتقان غەربتىكى بىر دۆلەتكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەتتى. ئەركىن ئابدۇۋېلى ئىسىملىك كىشى توغرىسىدا تۇتۇپ تۇرۇش قارارى 2023-يىلى بىكار قىلىنغانىدى».

14-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا يەنەرئوغلۇ ئەپەندى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ ھۆكۈمەتنى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ئەزاسى مۇستافا يەنەرئوغلۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە ئۇيغۇرلارغا چېگرادىن چىقىش قارارى بېرىۋاتىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بېسىم قىلىۋاتىدۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار پۇقرالىققا ئۆتۈش ھەققى ئۈچۈن سۇنۇلغان ئىلتىماسلارغا جاۋاب بېرىلمەيۋاتىدۇ، كېچىكتۈرۈلۈۋاتىدۇ ۋە ياكى رەت قىلىنىۋاتىدۇ، ئىنسانىي ئىقامەت ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى رەت قىلىنىۋاتىدۇ».

مۇستافا يەنەرئوغلۇ باياناتتا يەنە، دېموكراتىك قانۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەڭ كۈچلۈك باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ۋە ئىككىنچى ۋەتىنى بولغان تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتىن تۈركىيە ئۈچۈن ئېغىر نومۇسسىزلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە «ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان چېگرادىن چىقىرىش سىياسىتى ئېغىر بىر نومۇسسىزلىقتۇر»، دېدى.

پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا يەنەرئوغلۇ ئەپەندى، باياناتتا، تۈركىيە ھېچ بولمىغاندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك، دېگەن.

سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارنامىگە قارىغاندا، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇل 16-ۋە 18-مەمۇرىي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ، مەخمۇت ئىنايەت ۋە ئەركىن ئابدۇۋېلى ئىسىمدىكى ئىككى ئۇيغۇر مۇھاجىر ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر ئىككىسىنىڭ، رەسمىي ھۆججەتلەردە ساختىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ۋە چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن سوت مەھكىمىسى خىتايغا قايتۇرۇش قارارى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

قارارنامىدە يەنە سوت مەھكىمىسى، ئەركىن ئابدۇۋەلى خىتايدا زۇلۇم بارلىقىنى تولۇق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلسا بولىدىغانلىقىنى قارار قىلغانلىقى يېزىلغان.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنى 14-مارت كۈنى ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئادۋوكاتلار ئىستانبۇل مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

14-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارغا قارشى چىققان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «تۈركىيەنى ئىككىنچى ۋەتىنىمىز دەپ قارايدىغان ۋە شۇنداق بىلىدىغان قان قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ قىلمىشنى راۋا كۆرگەنلەر ئۈستىدىن تۈرك مىللىتىگە شىكايەت قىلىمەن. تۈركىيەدە بۇ قارارنى ئىجرا قىلىدىغان ھېچ كىم يوق دەپ قارايمەن، بىراق بۇنداق بىر قارارنىڭ ماقۇللىنىشى نومۇسسىزلىقتۇر. ھۆكۈمەتتىن كۈچ ئالماي ھېچ كىم بۇنداق بىر قارارنى تەستىقلىيالمايدۇ. ھېچ كىم بۇ مىللەتنى ئەخمەق چاغلىمىسۇن».

ئىستانبۇل رايونلۇق مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 14-مارت، ئىستانبۇل
ئىستانبۇل رايونلۇق مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 14-مارت، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

14-مارت جۈمە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقلىرى جەمئىيىتى، مەزلۇم دەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكتە مەزكۇر قارارنى چىقارغان ئىستانبۇل رايونلۇق مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر قارارغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ئۇ قارارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كۆپ ساندا تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار بىردەك «ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس»، «تۈركىيە ئۇخلىما ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىق!»، دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنى مۇئاۋىن رەئىسى ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇل 16-ۋە 18-رايونلۇق مەمۇرىي مەھكىمىلىرى، خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلانغان مەخمۇت ئىنايەت ۋە ئەركىن ئابدۇۋېلى قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇرنى بىۋاسىتە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ ھۆكۈم تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار ۋە باشقا كۆچمەن مۇساپىرلار ئۈچۈن جىددىي بىر قانۇن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تەھدىت پەيدا قىلىدۇ».

ئىستانبۇل مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا، تۈركىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغان ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن دوكلاتلىرى، گوۋاھلىقلىرى ۋە ھۆججەتلىرى ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خالىغانچە قولغا ئېلىش، قىيناش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق سىستېمىلىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارلامېنتلاردىن بولغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گوللاندىيە، لىتۋانىيە، بېلگىيە، چېخ، ئىرېلاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئون دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېنىق بەلگىلىدى. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ئۇلارنى زۇلۇم، قىيناش ۋە ئۆلۈمگە يوللىغانلىق بولىدۇ».

ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى سۆزىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ قارارنى دەرھال بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەخمۇت ئىنايەت بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۇتۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىر ئاۋستىرىيەگە كۆچۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەركىن ئابدۇۋېلى گەرچە تۈركىيەدە بولسىمۇ تۇتۇلۇپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىپ يوشۇرۇنۇپ تۇرماقتىكەن.