ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتىدە كېلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى بىر-بىرىگە كەينى-كەينىدىن تاموژنا بېجى قويۇپ ۋە ئۇنى توختىماستىن ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كەسكىن سودا ئۇرۇشى پارتلىغان ئىدى. نەتىجىدە، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان ئومۇمىي تاموژنا بېجىنىڭ نىسبىتى 245 پىرسەنتكە يەتكەن بولسا، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قويغان بېجىنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى 125 پىرسەنتكە چىقىپ توختاپ قالغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئۇنىڭغا قويغان ئومۇمىي تاموژنا بېجىنىڭ نىسبىتى 245 پىرسەنتكە يەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ يەنىلا ناھايىتى قاتتىقلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى چارشەنبە كۈنى بۇ توغرىسىدا تۋىتتېر (X) دا بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي بۇ ئۇرۇشلارنى قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەمما قىلىشتىنمۇ قورقمايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا داۋاملىق ھالدا تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە نومۇر ئويۇنى ئوينىسا، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمايدۇ» دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت قىلىشقا تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پرېزىدېنت ترامپ پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا بىلەن بۇ مەسىلىدە سۆھبەت قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئالاقە قىلغانلىقىنى بىلدۈرىپ، «بىز خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىدە كېلىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز» دېگەن. ئاق سارايدا ئۆتكۈزىلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر پرېزىدېنت ترامپدىن ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقتىنى سورىغىنىدا، ترامپ «مېنىڭچە كېلەركى 3-4 ھەپتىدە بولۇشى كېرەك» دەپ جاۋاپ بەرگەن.
پرېزىدېنت ترامپ خىتاي بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە كېلىشىش مۈمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكا بىلەن بۇ مەسىلىدە ئالاقە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خې يوڭچىيەن بۇ توغرىسىدا، «بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىمىز ئېنىق، يەنى ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئىقتىساد ۋە سودا جەھەتلەردە مەسلىھەتلەر ئېلىپ بېرىش يولىمىز ئوچۇق» دەپ بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مۇشۇ ھەپتە بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۆزىنىڭ سودا ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي تەرەپ بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى كەسكىن سودا ئۇرۇشى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا قارىماي ئامېرىكاغا قارشى تاموژنا بېجىنى 125 پىرسەنتكە ئۆستۈرگەنلىكىگە قاراپ خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ھەرگىز باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاخىرقى ھىسابتا خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇشتا ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ مەخلۇب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئامېرىكادىكى بىر قىسىم تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۇ ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئاخىرقى ھىسابتا پايدا ئېلىپ خىتاي زور دەرىجىدە زىيان تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى مەشھۇر خىتايشۇناس ۋە گېيتستون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ پەيشەنبە كۈنى فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغىنىدا، خىتاينىڭ 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكانىڭ ۋەيران بولغان خەلقئارالىق سودا تەرتىبىنى ئۆزگەرتىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گوردون چاڭ سۆزىدە، «ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ 70 تىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن سودا سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق نەق مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بولسا خىتاينى يىتىم قالدۇرىشتىن ئىبارەت» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، «ئامېرىكانىڭ قولىدا بۇنى قىلالايدىغان قوراللىرى بار. ئامېرىكا دېگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىستىمالچىلار بازىرى. ھەممىسىنىڭ ئامېرىكالىقلارغا مال سېتىش ئېھتىياجى بار. پرېزىدېنت ترامپ شۇنى چۈشۈنىدۇ. مېنىڭچە ئۇ شۇ ئىشلارنى <خەلقئارالىق سودا تەرتىبىنى ئۆزگەرتىشىنى> پۈتتۈرىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن ئاق سارايدا ئاچقان يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو خىتاي شىركەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، "بىز خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكادا خالىغاننى قىلالايدىغان بىر دۇنيادا ياشايمىز. ئەمما بىزنىڭ شىركەتلىرىمىز ئۇ يەردە <خىتايدا> رۇخسەت بېرىلمىگىچە ھىچ نىمە قىلا ئالمايدۇ. ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى <ئەقلىي مۈلۈكلىرىمىزنى> ئوغۇرلاپ باشقىچە ياساپ چىقىدۇ. بۇ خىل تەرتىبنى قايتا تەڭشەش كېرەك چۈنكى بۇنىڭ دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زور تەسىرى بار» دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.
ئالىي تەتقىقاتچى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ھازىر چۆكۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىدىكەن. چۈنكى خىتاي خەلقى ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ يىللىق مىللىي دارامىدىنىڭ ئاران 38 پىرسەنتتىنى ئىستىمال قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نىسبىتى ھازىرمۇ تۆۋەنگە قاراپ ماڭغان ئىكەن. شۇڭا بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن بىردىن-بىر قۇتۇلۇش يولى بولسا خىتاي ماللىرىنى تېخىمۇ كۆپ ھالدا خەلقئاراغا ئېكسپورت قىلىش ئىكەن. ئەمما گوردون چاڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، پرېزىدېنت ترامپىنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا باجلىرى مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش يولىنى توسىۋېتىدىكەن.
مارتىن كاپىتال شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رود مارتىن ئەپەندى چارشەنبە كۈنى تۋىتتېردا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا ئانالىز ئېلان قىلىپ، خىتاي چۈشىنىڭ ئاخىرلىشىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. مارتىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «شەرق باش كۆتۈردى» دېگەننى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئىستاتىسكىسى خىتاينىڭ چۆكۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي مۇشۇ پېتى ماڭسا 2100-يىلغىچە ئۇنىڭ نوپۇسىنىڭ 75 پىرسەنتى يوق بولىدىكەن. بۇ خىتايدىكى خىزمەتچى، ئىستىمالچى ۋە باج تۆلىگۈچىلىرىنىڭ 3 دىن 4 نىڭ يوقولۇشى بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن.
مارتىن ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھازىر قارىماققا بايدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇنىڭ 300 مىليون يېزا-قىشلاقلاردا پېنسىيەگە چىققانلار ھەر ئايدا ئاران 32 دوللار مائاش ئالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2021-يىلىدىن باشلاپ خىتاي نوپۇسىنىڭ قولىدىكى 18 ترىليون دوللار پۇل ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكىنىڭ پارتلىشى بىلەن يوقالغان ئىكەن. مارتىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى پەقەت ئېكسپورت بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭىدىكەن ۋە ئامېرىكا ئۇلار ئىشلەپچىقارغان ماللارنىڭ 39 پىرسەنتىنى سېتىۋالىدىكەن. ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ ماللىرىنى ئالمىسا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى دۇنيانى ئىگىلەشنىڭ ئورنىغا، تارىخىي ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدىكەن.