ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتايغا چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ 104 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي ئامېرىكاغا 34 پىرسەنت قايتۇرما زەربە خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قويغىنىغا قارشى خىتايغا چارشەنبىدىن باشلاپ 104 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«CNN» تېلېۋىزىيەسىنىڭ سەيشەنبە بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لىۋىت ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ چارشەنبىدىن باشلاپ خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا 104 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. باياناتچى لىۋىت سۆزىدە، «ئامېرىكاغا قارشى قايتۇرما زەربە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا ئىشچىلىرىنى خورلاش ئۇرۇنۇشىدىن يانمىغان خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر بىر چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى. چۈنكى پرېزىدېنت ترامپنىڭ پولاتتەك ئۇمۇرتقىسى بار. ئۇ سۇنمايدۇ» دېگەن.

پرېزىدېنت ترامپ دەسلەپتە فېۋرالدا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان ئىدى. ئۇ ئۆتكەن ئايدا بۇ باجنى ئىككى ھەسسە ئۆستۈردى. پرېزىدېنت ترامپ 2-ئاپرىل كۈنى خىتايغا 34 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكاغا قارشى 34 پىرسەنت باج ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت ترامپ دۈشەنبە كۈنى خىتايغا يەنە 50 پىرسەنت باج قوشۇپ قويغان ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتايغا 50 پىرسەنت باج قويغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى چىرايلىق سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئامېرىكانى سەيشەنبە كۈنى ئەيىبلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە «ئاخىرغىچە جەڭ قىلىدىغانلىقىنى» جاكارلىغان ئىدى. نەتىجىدە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا 8-ئاپرىل چۈشكىچە بەرگەن مۆھلىتى ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان 104 پىرسەنت تاموژنا بېجى چارشەنبىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسېنت سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىنكاسىنى ئەيىبلەپ، «خىتاي بىزگە قارشى تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرسە بىزگە نېمە زىيىنى؟ بىز ئۇلار بىزگە ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئېكسپورت قىلىمىز. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرغىنى ئۇتتۇرغان» دېگەن. مىنىستىر بېسېنتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بۇ ئاينىڭ بېشى 180 دىن ئارتۇق دۆلەتلەرگە ئوخشىمىغان شەكىلدە تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، 70 كە يېقىن دۆلەت ئاق ساراي بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تاللىغان ئىكەن.

ياۋرو خەۋىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتلەر ياۋروپا بىرلىكى بولۇپ، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت ۋون دېر لېيېن سۆزىدە «ياۋروپا ھەر زامان ياخشى سودىلىشىشقا تەييار» دېگەن. پرېزىدېنت ترامپ ياۋروپا بىرلىكىگە 20 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان ئىدى.