رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 2012-يىلىنىڭ ئاخىرلىشىپ، 2013-يىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى يېڭى يىل بىلەن تەبرىكلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ يېڭى بىر يىلدىكى ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى ئىپادە قىلدى.

0:00 / 0:00

ئۇ، سۆزىدە 2012-يىلىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى شۇنىڭدەك يەنە ئۆز خەلقىنىڭ كۈتكەن ئارزۇ -ئارمانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان تىلەكداشلىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەم ئەركىنلىكى يولىدىكى خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئاشۇرۇپ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.