بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى خىتاي - ۋيېتنام ئۇرۇشىدا كىم غەلىبە قىلغان؟

بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا بىر دەھشەتلىك ئۇرۇش يۈز بەرگەن ئىدى. خىتاي بۇ ئۇرۇشنى 'ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتارما زەربە بەرگەن ئۇرۇش' دەيدۇ. ۋيېتنام بولسا 'خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش' دەيدۇ.

0:00 / 0:00

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 1979‏ - يىلى 2 ‏ - ئاينىڭ 17‏ - كۈنى، خىتاي 200 مىڭ ئەسكەر سەپەرۋەر قىلىپ ۋېيتنامنىڭ شىمالىي چېگرىسىدىن بېسىپ كىرگەن. ئۇرۇش بىر ئايغا يېقىن داۋام قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر چىقىم تارتقان. ئاخىرى خىتاي تەرەپ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپلا، دۇنياغا 'بىز غەلىبە قىلدۇق' دەپ جاكارلىغان. ۋيېتنام تەرەپ بولسا 'بىز تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقاردۇق' دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى 10 يىلغىچە يىرىكلىشىپ ئۆتتى.

خىتاي قىزىل كېخمىر ھاكىمىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن ۋېيتنامغا ھۇجۇم قىلغان

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 1978 ‏ - يىلى 6 ‏ - ئاينىڭ 29 ‏ - كۈنى، ۋيېتنام سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتىغا قاتناشتى. 11 ‏ - ئاينىڭ 3 ‏ - كۈنى يەنە، ۋيېتنام بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ، ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر ئىدى.

ۋيېتنام 1979‏ - يىلى 1 ‏ - ئاينىڭ 7 - كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن كامبودژادىكى ماۋ زېدۇڭچى قىزىل كېخمىر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرغان. دۆلەت ئىچىدە بولسا، خىتاينىڭ قوللىغۇچىلىرىنى چەكلەيدىغان سىياسەت قوللانغان.

ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېيتنامدىكى باش ئەلچىخانىسىدا 1‏ - دەرىجىلىك كاتىب بولۇپ ئىشلىگەن ياڭ مىڭيىنىڭ بايان قىلىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ بىر دۆلەت باشلىقىغا خاس ئەدەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن ئاغزىنى بۇزۇپ 'ئەمدى ۋيېتنام لۆكچەكلىرىنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويىمىز' دەپ جاكارلىغان ئىكەن.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى جۇ فېڭنىڭ ئېيتىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى كامبودژانىڭ قىزىل كېخمىر ھاكىمىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن ۋېيتنامغا ھۇجۇم قىلغان.

خىتاي قىسىملىرى ۋيېتنام چېگرىسىدىن 40 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئۇرۇش قىلغان. ۋيېتنام قىسىملىرى خىتايغا تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، خىتاي 3 ‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنى ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە باشلىغان. 3 ‏ - ئاينىڭ 16 ‏ - كۈنى تامامەن چېكىنىپ چىققان. خىتاي تەرەپ بۇ ئۇرۇشتا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، دېدى، ۋيېتنام تەرەپمۇ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، دېدى.

سېنگاپور پرېزىدېنتى لى گۇاڭياۋنىڭ ئەسلىمىسىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ يىللاردا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن قول ئۈزۈلمەي تۇراتتى. خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ناچار ئىدى. ئەمما بۇ چاغدا، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. دېڭ شاۋپىڭ شۇ يىلى 1 ‏ - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى ۋە ئەگەر خىتاي ۋېيتنامغا ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىر سەپتە تۇرماسلىقى ھەققىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جېمى كارتېر بىلەن كېلىشكەن ئىدى. خىتاي دەل مۇشۇنداق شارائىتتا ۋېيتنامغا ھۇجۇم قىلدى.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇرۇشتا ئامېرىكا غەلىبە قىلدى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇ فېڭنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنياغا خوجا بولۇشنى تالىشىۋاتقان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا ئافغانىستان مەسىلىسى تۈپەيلىدىن دۇنيادا يېتىم قېلىۋاتقان ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قانداق زىددىيەت ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى. ئامېرىكا كوممۇنىزمنىڭ كېڭىيىشنى چەكلەش مەقسىتى ئۈچۈن، كوممۇنىزم لاگېرىدىكى خىتاي بىلەن ۋېيتنامدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇرۇشتا ئامېرىكا غەلىبە قىلدى.

ئۇرۇشتىن كېيىن، خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونلاردا 10 يىلغىچە توقۇنۇش ئۈكسىمىدى. 1991 ‏ - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن ۋېيتنامنىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. 99‏ - يىلى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چېگرا كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئاندىن مۇناسىۋەت نورماللاشتى.

بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن خىتاي 'سوتسىيالىستىك قېرىنداش' لىرىغا ھەرگىز ئىشەنمەيدىغان بولدى

جو فېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن 'خىتاي ‏ - ۋيېتنام ئۇرۇشى' خىتاي رەھبەرلىرىگە ئۆزىنىڭ گۇمران بولۇشقا يېقىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى. خىتاي شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ 'سوتسىيالىستىك قېرىنداش' لىرىغا ۋە ئىدېئولوگىيىسى ئۆزىگە ئوخشايدىغان دۆلەتلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيدىغان بولدى. بەلكى دۇنيادا كۆپرەك دوست تۇتۇش لازىملىقىنى چۈشەندى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا بەل باغلىدى.

بۇ ئۇرۇشنىڭ يارىسىنى تەلتۆكۈس ساقايتىش ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەتكە ئۇزۇن ۋاقىت كېرەك

جۇ فېڭنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن 'خىتاي ‏ - ۋيېتنام ئۇرۇشى' خىتاي بىلەن ۋېيتنامنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇش ئەمەس. بۇ ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، ھەر ئىككى تەرەپ بۇ ئېچىنىشلىق ئۇرۇشنى ئەسلەشنى خالىمايدۇ. ۋيېتنام خىتاي تەرەپنىڭ 'ئەدىپىنى بېرىپ قويدۇق'، 'بىز غەلىبە قىلدۇق' دېگەن گېپىنى ئاڭلىسىلا غەزىپى ئۆرلەپ، مىلتىقىنى كۆتۈرۈپ قوپۇدۇ.

ئەمما خىتايلار ھازىر يەنە، ھەدېسىلا ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق مېڭىسىگە ئورناپ قالغان شۇ بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ، ۋېيتنامنىڭ غەزىپىنى ئۆرلىتىپ قويىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇشنىڭ يارىسىنى تەلتۆكۈس ساقايتىش ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەتكە ئۇزۇن ۋاقىت كېرەك.