ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى 'خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى يالغانچىلىقى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى'

خىتاينىڭ خەلقئاراغا بەرگەن باياناتىدىكى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، ئۇ مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس" دېگەن سۆزى، خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي مەملىكەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ شىمىڭ 21 - ئىيۇل مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، "خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە مەسىلە يوق، ئۇيغۇرلار باراۋەر مىللىي سىياسەت ئاستىدا بەختلىك ياشاۋاتىدۇ " دېدى.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خې يافېيمۇ 22 - ئىيۇل كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ،"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"ھەققىدە توختىلىپ،"شىنجاڭدا بولغان ۋەقە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى،خاراكتېر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ۋەقە مىللىي مەسىلە ئەمەس،دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس!" دېدى. خې يافېي سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن،رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي دۆلىتىنى پارچىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ كېلىپ چىقىشىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتى ۋە دىنىي سىياسىتىدە مەسىلە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى، ھەتتا مەسئۇلىيەتنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم رابىيە قادىر خانىمغا ئارتىپ، جاۋابكارلىقتىن قېچىش پوزىتسىيىسى خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

" گېرمانىيە ئاۋازى " رادىئوسىنىڭ 24 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە،خىتاي مەملىكەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ شىمىڭنىڭ "خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە مەسىلە يوق، ئۇيغۇرلار باراۋەر مىللىي سىياسەت ئاستىدا بەختلىك ياشاۋاتىدۇ "دېگەن سۆزىگە رەددىيە بېرىلىپ، خىتاينىڭ ئۆز سىياسىتىدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن.

ماقالىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى چەكلىمىلەر بايان قىلىنىپ،"ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ.مەسىلەن: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 1 - قول باشلىقى نامدا ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئاساسلىق ھوقۇق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارىنىڭ قولىدا بولۇپ، چوڭ ئىشلاردا پارتكوم سېكرېتارىنىڭ دېگىنى ھېساب، ھالبۇكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كۆپ ساندىكى ئىدارە ‏ - ئورگانلاردىكى پارتكوم سېكرىتارلىرى ئاساسلىقى خىتاي مىللىتىدىن بولغان كادىرلار. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مىللىي كادىرلارنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشى شەرت، بۇنداق بولغاندىن كېيىن، بۇ مىللىي كادىرلار ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشالمايدۇ، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىمۇ ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن بۇ مىللىي كادىرلارغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلەنگەن، ئۇلارنىڭ دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشىمۇ چەكلەنگەن. ھازىر يەرلىك ئۇيغۇرلار ھەتتا پاسپورت ئېلىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋاللار ئەلۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ ‏ - دە " دەپ كۆرسىتىلدى.

ماقالىدە :"خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ شىمىڭ، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ئىقتىسادىي كرىزىس ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشسىزلىق ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغان رايونى ئەمەسلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۇ خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئالتۇن قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى مەنبەسى ھەم پاختا، يۇڭ قاتارلىق يەر ئۇستى بايلىقلىرى مەنبەسى بولغان بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نامراتلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلاشنى خالىمىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى مىللىي سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نارازىلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى،" دەپ بايان قىلىندى.

ماقالە ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدىكى مەغلۇبىيىتىنى بوينىغا ئالمىغانلىقى تەنقىد قىلىنىپ، "ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدىكى مەسىلىلەرنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە دېموكراتىك ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان بولسا، ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا قارىتا ئۇلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىش، ھەتتا تۈرمىلەرگە تاشلاش سىياسىتىنى قوللانمىغان بولسا، خىتايدىكى مىللىي مەسىلە بۈگۈنكىدەك بۇ قەدەر ئۆتكۈرلىشىپ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى" دەك پاجىئە كېلىپ چىقمىغان بولاتتى،" دەپ كۆرسىتىلدى.

نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بۈگۈن 20 نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسى تېخى ئەسلىگە كەلمىدى. يوتۇپقا، 20 ‏ - ئىيۇل كۈنى، خەنرىي مورتون تەرىپىدىن قويۇلغان 3 دانە سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدە، 18 - 19 - ئىيۇل كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى كوچىلىرى مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن.

سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدە، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى بىر ناۋايخانىدا نان يېقىۋاتقان ئۇيغۇرلار، كوچىلاردا سودا قىلىۋاتقان كىشىلەر ھەم ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا توپ - توپ بولۇپ يۈرۈشكەن قوراللىق ساقچى، ئەسكەرلەرنىڭ، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، مەھەللە ئېغىزلىرىدا توساق قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈۋاتقان، يېنىنى ئاختۇرۇۋاتقان، ھەتتا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سومكىلىرى ھەم يانچۇقلىرىنى ئەر خىتاي ساقچىلىرى ئاختۇرۇۋاتقان مەنزىرە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ كۆرۈنۈشلەر ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ناھايىتى جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

خىتاينىڭ شىنخۇا قاتارلىق تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىدىن 31 ئەترەت ئۈرۈمچىدە تىنچلىق ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ يىل دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقى ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە تەرتىپ ساقلايدىكەن.