خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن ئۆتكەن ھەپتە "پەقەت ياش ئۆسمۈرلەرگە قارىتا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تەربىيىنى توختاتماي كۈچەيتكەندىلا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بۇ بايانلارغا ماس ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش سىياسىي تەربىيىسىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا مائارىپ ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردە يەنىمۇ كۈچلۈك سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى ھاسىل قىلغانلىقى مەلۇم.
بۈگۈنكى ئۈرۈمچى مائارىپ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي، ئۇيغۇر بىرلەشمە مەكتەپلىرىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 - ئوتتۇرا مەكتەپتە 23 - سېنتەبىر كۈنى پۈتۈن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا بىرلىكتە چوڭ يىغىن ئېچىپ، ھەر قايسى يىللىقلاردىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي سىنىپلىرىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆز - ئارا قول تۇتۇشۇش كېلىشىمنامىسىغا ئىمزا قويغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ پائالىيەت مەزكۇر مەكتەپتە 9 - قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جۇڭگونىڭ پۈتۈنلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىي ئىدىيىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە شۇ ئارقىلىق مەكتەپتىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ مۇستەھكەم مەكتەپ روھىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولدىكى، بۇ خىلدىكى سىياسىي پائالىيەت ھەم مەخسۇس ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە ئۆگىنىش، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەلىم - تەربىيىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.
خىتاينىڭ سىياسىي بېسىمى ئەزەلدىنلا ئېغىر بولۇپ كېلىۋاتقان شايار ناھىيىسىنىڭ بىر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، قارشى تەرەپ قىسقىغىنا جاۋاب قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ناھىيە، يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭمۇ بۇ يېڭى سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنىغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولدى:
بىز يەنە قەشقەردىكى مەلۇم ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدىن مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشتۇق، رامىزان مەزگىلىدىكى ئامانلىق ساقلاش كېچىلىك نۆۋەتچىلىككە قويۇلغان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
ئۇيغۇر ئېلى تىنچلىق تورىنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تەربىيىسىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك دېگەن تېمىدا، يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان دۆلەت ئىچى ھەم سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەر، مىللىي كادىرلار ھەمدە مائارىپ ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ،بەزىبىر بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بولۇپمۇ "ئىسلام ئازادلىق پارتىيىسى" ياش ئۆسمۈرلەرگە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىپ بىر قىسىم ئىدىيىسى مۇستەھكەم بولمىغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلغان ئىكەن.
خەۋەردە يەنە " بۇنىڭدىن مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ سىياسىي مەيدانىنىڭ تېخى يەنىلا مۇقىم ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدە، بولۇپمۇ باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىغا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن زۆرۈر " دېيىلگەن بولۇپ دائىرىلەر ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ساھەدە مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاجىز نۇقتىلارنى قويماي تازىلاپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەمدە ياش ئۆسمۈرلەردە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئېڭىنى ئۈستۈرۈش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ مائارىپ ساھەسىگە ھۇجۇم قىلىشى، سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىمۇ بېكىتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى يوليورۇقىدا" ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي تەربىيە بىلەن ماسلاشتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى، ياش ئۆسمۈرلەرگە، ماركىسىزم تەربىيىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي ئىدىيىۋى ئەخلاق دەرسلىكى بۇيىچە تەلىم بېرىپ، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تەنقىدلەش، پاش قىلىش، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ مەكتەپكە، دەرىسخانىلارغا سۇقۇنۇپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى قاتتىق توسۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىدە پولات سېپىل ھاسىل قىلغاندىلا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياراملىق ۋە ئىشەنچىلىك ئەۋلاتلىرىنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ،" دېيىلگەن.