دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى يانا براندىت خانىمنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى جەنۋەدە چاقىرىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 17-نۆۋەتلىك يىغىنىدا رادىكال پارتىيە نامىدىن سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇمكى، يانا خانىم 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بۇ يىغىندا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى نامىدىن سۆزگە چىقىپ، قازاقىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. يانا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قىلغان سۆزىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار، ئۆلتۈرۈلگەنلەر، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر مەسىلىسىنى ھەم خىتايدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يانا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بۇ ھەقسىزلىقلاردىن قول ئۈزۈشكە چاقىرغان. يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاخبارات ئەركىنلىكى چەكلىمىسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرمۇ تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلگەن.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ب د ت نىڭ 17-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى سەۋەبلىك، خەلقئارا جامائەت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، د ئۇ ق نىڭ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بىرقانچە ئاي پائال ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، يانا خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا 5-ئىيۇلغا ئائىت بەزى ماتېرىياللارنى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇنغانلىقىنى، بولۇپمۇ يېڭىدىن ئاشكارىلانغان خىتاي ئەسكىرى ۋە ساقچى كۈچلىرىنىڭ ئۆيمۇ- ئۆي ئاختۇرۇپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ۋىدىئو كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق، يىغىن ئەھلىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان كۈچلۈك ھېسداشلىقنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.