پېشقەدەم ئوفىتسېر تۇرسۇن داراجى مۇسايوف بېشكەكتە ۋاپات بولدى
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق ئوفىتسېرى 87 ياشلىق تۇرسۇن داراجى مۇسايوف 30 - دېكابىر كۈنى بېشكەك شەھىرىدە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان يۈزلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەشكەن جەڭگىۋار ھاياتىنى ئەسلەپ، ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرىلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.