ئەنقەرەدە ' تۈرك دۇنياسىدىكى سوقۇشلارنىڭ سەنئەتتىكى ئىزلىرى' ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى

تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە تۈرك خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

0:00 / 0:00

بولۇپمۇ 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈرك دۇنياسى ھەققىدە داۋاملىق ھالدا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇلاردىن بىرى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا چاقىرىلدى. غازى ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەتلەر فاكۇلتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان "تۈرك دۇنياسىدىكى سوقۇشلارنىڭ سەنئەتتىكى ئىزلىرى" ماۋزۇلۇق 2 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى غازى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن زالىغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، تاتارىستان، قىرىم، شىمالىي سىپۇرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئىراقتىكى تۈركمەنلەرنىڭ بايرىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلغان. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا پارلامېنت ئەزاسى، سابىق مىللى مۇداپىئە مىنىستىرى ساباھەتتىن چاقماقوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ تۈركىيە ۋەكىل ياردەمچىسى رولاند سچىللىڭ، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. رىزا ئايخان قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى ھازىر دۇنيادا 10 مىليون ئەتراپىدا ئىنساننىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قېلىپ مۇساپىر بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىي مىللەت مۇساپىرلىرىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. بۇلارنىڭ كۆپىنىڭ سىياسى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يۇرتىدىن قېچىشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى ئېيتتى.

كېيىن ھازىر سىياسى بېسىم ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە دۇچار بولىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئۆز رايونىدىكى مەسىلىلىرىنى، بولۇپمۇ تارىختا بولغان ئۇرۇشلارنىڭ ئۆز سەنئىتىدىكى ئىزلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. بىرىنچى بولۇپ غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئۆزگۈر قالە ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستان" تېمىسىدا، قىرىملىق تاتار سەنئەتچى رۇستەم ئەمىنوۋ "قىرىم تاتارلىرى ۋە سۈرگۈن" تېمىسىدا سۆز قىلدى.

كېيىن يەنە رۇسلار تەرىپىدىن گرۇزىيىنىڭ ئاخىسكا رايونىدىن سۈرگۈن قىلىنغان ئاخىسكا تۈركلىرىنىڭ ۋەكىلى يۇنۇس زەيرەك ئەپەندى سۆز قىلدى. كېيىن ئازەربەيجانلىق سەنئەتچى ئالى ھەرىسچى ئەپەندى ئەرمەنىيىلىكلەر بېسىۋالغان قاراباغ مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئىراقلىق سەنئەتچى مەلتەم قاتىرانچى خېنىم ئىراق تۈركمەنلىرى ساددام ھۈسەيىن مەزگىلىدە تارتقان زۇلۇمىنى ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.