بىر تەرەپتىن سۈرىيىلىك ئۆكتىچىلەر ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتى بۇندىن ئىلگىرى ئىمزالىغان پروتوكولنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقتىن، بۇ پروتوكولنى«ئۆلۈم پروتوكولى»دەپ ئاتىغان ۋە شۇنداق شۇئار بىلەن نامايىش قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دەمەشقتە دۆلەت مەخپىيەتلىك ئورگىنى بىلەن ساقچى ئورگىنىدا قاتتىق پارتلاش يۈز بەرگەن.
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا 2011 - يىلى23 - دېكابىر كۈنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىن بايانات بەرگەن سۈرىيىلىك ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى مۇھەممەد جامال مۇنداق دېدى:«سۈرىيىلىك نامايىشچىلار ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان پروتوكولنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن «ئۆلۈم پروتوكولى» دەپ ئاتاپ، پايتەخت دەمەشق شەھىرىدە 23 - دېكابىر جۈمە نامىزىدىن كېيىن چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئويۇشتۇردى. چۈنكى بۇ پروتوكول، ئەسەد ھاكىمىيىتى تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت قازىنىش ئۈچۈنلا ئىمزالىغان قۇرۇق قەغەز بولۇپ، ئۇنىڭ سۈرىيە خەلقىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق. پروتوكول ئىمزالانغان كۈنىدىن بىرى200 دىن كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بۇ دېگەنلىرىمىزنىڭ جانلىق شاھىدىدۇر. دەمەشق شەھىرىدە نامايىش بولۇۋاتقان ئەسنادا سۈرىيە شەھەرلىرىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 14كە چىقتى. تۈنۈگۈن ھەمس ۋە ئىدلىب شەھەرلىرىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 40 قا يەتكەن. دېمەك، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئىمزالىغان پروتوكول ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئۆلتۈرۈشكە يول ئاچماقتا. شۇڭا بۇ پروتوكولنى سۈرىيىلىك نامايىشچى خەلق «ئۆلۈم پروتوكولى» دەپ ئاتاشنى لايىق كۆرگەن ۋە شۇ شۇئار بىلەن نامايىش قىلغان.»
دەمەشقتىكى پارتلاش
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دەمەشقتىكى مۇخبىرى ئەھمەد ماھىرنىڭ بايان قىلىشىچە، 2011 - يىلى23 - دېكابىر كۈنى ئەتىگەندە دەمەشق شەھىرىدىكى سۈرىيە دۆلەت مەخپىيەتلىك ئورگىنىنىڭ بىناسى بىلەن ساقچى مەركىزى بىناسىدا قاتتىق پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىككى قېتىملىق پارتلاشتا 30 غا يېقىن ئادەم ئۆلگەن، 100گە يېقىن ئادەم يارىلانغان. سۈرىيە تېلېۋىزىيىسى پارتلاشنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما تەھلىلچىلەر ۋەقەنى سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. چۈنكى، سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆكتىچىلەرگە گۇناھ ئارتىش ۋە ئۇلارنى تېررورچىلار دەپ قارىلاش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھېلە - مىكىرلەرنى قوللانماقتا ئىكەن.