سىچۈەندە " ئاخبارات باھارى" ئاخىرلاشتى

سىچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپەت رايونى خىتاي ۋە چەتئەل ئاخباراتىغا ئېچىۋىتىلگەن ئىدى. ئاپەت ئەھۋالى ئەينەن خەۋەر قىلىنغان بۇ مەزگىل، بىرقىسىم مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن ئاخبارات باھارى دەپ ئاتالغان ئىدى. تۈنۈگۈن سىچۈەندە يۈز بەرگەن بىر ئەھۋال، سىچۈەندىكى ئاخبارات باھارىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

0:00 / 0:00

ئالدىنقى كۈنى 6 نەپەر چەتئەللىك مۇخبىر، سىچۈەننىڭ دۇجيايەن شەھىرىدىكى يەر تەۋرەشتە خارابىگە ئايلانغان جۈيەن ئوتتۇرا مەكتىپىنى رەسىمگە تارتىۋاتقان چېغىدا ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار ئۇلارغا شەھەرنىڭ ھەرقانداق يېرىنى زىيارەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنى قوپاللىق بىلەن ساقچى ئاپتوموبىلىغا چىقىرىپ شەھەردىن ئۇزاقلاشتۇرغان.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ئېلىپ بارغان قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە كۆڭلىنى ئالغان بولسىمۇ، ئاپەتتە ئۆلگەن مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئازابىنى ئۇنتۇلدۇرالمىدى. تۈنۈگۈن يەنى 12 ‏ - ئىيۇن كۈنى بىر تۈركۈم ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىر ئايلىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان، ئەمما ساقچىلار ئۆيمۇ - ئۆي ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇراسىمنى چەكلىگەن. شۇنداقتىمۇ، 80 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا مۇراسىمنى ئۆتكۈزگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى ئاپەتتە ئۆلگەن 70 مىڭ كىشىنىڭ 15 مىڭى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇلار تەبىئىي ئاپەتتىن كۆپ، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇقىنىڭ قۇربانى بولغانلىقى بايان قىلىنماقتا. نۆۋەتتە خارابىگە ئايلانغان مەكتەپ بىنالىرىنىڭ يېنىدا ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى، ھۆكۈمەتنى خاتالىقلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ۋە ۋاستىلىق شەكىلدە ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنگە قەدەر بىرقانچە قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئاپەتتە يىقىلغان مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، ئەسلىدە خاتالىقنى سادىر قىلغان، مائارىپ ۋە قۇرۇلۇش ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەچكە خەلقنىڭ نارازىلىقىغا يولۇققان.

ھازىرغا قەدەر بۇ توغرىدا ئاپەت رايونىدا بىر قانچە قېتىم نارازىلىق يىغىلىشى يۈز بەرگەن؛ ئالدىنقى ھەپتە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاپەتتە ئۆلگەن مەكتەپ بالىلىرى ئۈچۈن ئائىلىلەرگە 20 - 30 مىڭ يۈەن ئارىسىدا ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تۈنۈگۈنكى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان شاڭ جۈن ئىسىملىك بىرى، " بىز تۆلەم پۇلى تەلەپ قىلمايمىز، پەقەت مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان پارىخور ئەمەلدارلارنى تېپىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىمىز،" دەپ بىلدۈرگەن. خەلقنىڭ نارازىلىقىنى بېسىقتۇرۇش ۋە ئاجىزلىقىنىڭ دۇنياغا يېيىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە، ئاپەتتە يىقىلغان بىر قىسىم مەكتەپلەرنى توساق ئارىسىغا ئېلىپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى چەكلىگەن. خىتاينىڭ بۇ چارىسى چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن خاتالىقنىڭ تەكرارلىنىشى دەپ قارالماقتا. بۇلارنىڭ قارىشىچە، دەل ئاخباراتنىڭ نازارىتى بولمىغىنى ئۈچۈن، سۈپەتسىز مەكتەپ قۇرۇلۇشلىرى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ كەتكەن ھەم بۇنىڭغا يول قويغان پارىخور ئەمەلدار بايقالمىغان ۋە جازالانمىغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە، تىبەتتىكى ئاخبارات ۋە ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چىن گاڭ سۆزىدە يەنە، ئاخبارات چەكلىمىسىنىڭ تىبەتتە مۇقىملىق ئەسلىگە كەلگەندە بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە تىبەتتە ئاخبارات چەكلىمىسى يولغا قويۇلۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى يالغۇز خىتاي تەرەپتىن ئەمەس، دالاي تەرەپتىن ئىزدەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە دالاي لامانى قۇتراتقۇلۇق قىلماسلىققا يەنە بىر رەت چاقىرغان. دالاي لاما بولسا، مۇقىملىقنىڭ مىلتىق ئارقىلىق ئەمەس، سۆھبەت ئارقىلىق شەكىللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئاخباراتقا مەسئۇل دۆلەت ئەربابلىرىدىن ۋاڭ گۇچاڭ، سىچۈەننىڭ مەركىزى چېڭدۇدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئاپەت رايونىدا ئاخبارات چەكلىمىسى يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ سۆزىدە، "بىزنىڭ ئېچىۋېتىش بەلگىلىمىمىز ئۆزگەرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، يەنە كۆپلىگەن مۇخبىرلار كېلىدۇ، ئىشىكىمىز مۇخبىرلارغا ئوچۇق" دەپ جاۋاب بەرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ باياناتى بىلەن ئىجرائاتى ئارىسىدىكى يۇقىرىقىدەك پەرق، خىتاينىڭ، ئاپەتتە مەكتەپ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىزاھلاشتا ئوڭايسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ئادەتتە غەرب دۆلەتلىرىدە مەكتەپ قۇرۇلۇشلىرىغا ئەڭ مۇستەھكەم ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ دۆلەتلەردە يەر تەۋرىگەن چاغلاردا مەكتەپلەر مۇداپىئەلىنىدىغان جاي سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ.