تۆۋەندە، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن 2005 - يىللاردىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك قانداق زور ۋەقە ھەم ھادىسىلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا دائىر ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلىرىدا مۇناسىپ قانداق ئاخبارات - ئۇچۇرلار بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار ئاڭلايسىلەر.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىز ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلىغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىنقى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلانغان 1998 - يىلى 14 - دېكابىردىن ئېتىبارەن 2004 - يىلىغا قەدەر بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئاڭلىتىلغان، ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋەقە ھەم ھادىسىلەرنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئىدۇق، 2005 - يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى بىر يىل بولدى، بۇ ئەلۋەتتە رادىئومىز ئاخباراتلىرىدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپتى.
2005 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىپ ئامېرىكا تۇپرىقىغا دەسسىگەن ھامان، رادىئومىزدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆز ئاۋازى بىلەن " مەن ئازاد بولدۇم، لېكىن خەلقىم..." دەپ جاكارلىغانلىقى، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھاياجانغا سالدى، ئۇشبۇ خەۋەرنى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 2005 - يىلىدىكى ئەڭ زور خوش خەۋەر دېيىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ رادىئومىز ئاڭلىتىش تارىخىدىكىمۇ ئەڭ زور خەۋەرنىڭ بىرى، چۈنكى مەزكۇر خەۋەر بىزنىڭ ئاخباراتىمىز ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەر قايسى ئاخبارات ساھەلىرىگە تارقىتىلدى.
مانا بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلاردىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇ يىلىدىكى ھايات مۇساپىلىرىگە نەزەر سالساق، مىليونلارچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، دىنىي، مەدەنىي جەھەتلەردىكى ئىسكەنجىسىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەر تەرەپتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
يەنە شۇ يىلى ياۋا كەپتەر ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياش يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ قولغا ئېلىنغانلىق ۋە يەنە كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ھۆسەيىن جېلىلنىڭمۇ ئۆزبېكىستان ئارقىلىق خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئاخباراتلار رادىئومىز ئارقىلىق ئىخلاسمەنلىرىمىزگە يەتكۈزۈلدى ۋە ھازىرغا قەدەر مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە نۇرمەمەت ياسىن ۋە ھۆسەيىن جېلىل ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈپ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلىشقا تىرىشتۇق.
2005 - يىلىدىن 2006 - يىلىغا قەدەر رادىئومىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت سەھىپىلىرىدە كۈرەش كۆسەن، مۇراد ئەخمەدى، مۇراد ناسىروف، ئادىل جانباقىيېف، سۇلتان مۇھەممەد قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئۇلار رادىئو دولقۇنلىرىمىز ئارقىلىق ئۆز ئىجادىي ناخشا، مۇزىكىلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە سۇندى.
ئەپسۇس رادىئومىزدا يەنە، ئارقا - ئارقىدىن 2006 - يىلى ئاخىرى كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ، 2007 - يىلى يانۋاردا مۇراد ناسىروفنىڭ دۇنيادىن ئۆتكەنلىك خەۋىرى ئەڭ بۇرۇن يەتكۈزۈلدى. چەتئەل ئاخباراتلىرىمۇ بۇ ھەقتە بىزنىڭ تارقاتقان تەپسىلىي ئاخباراتلىرىمىزنى ئاساس قىلدى.
2005 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىنسان ھەقلىرى، ئاياللار ئىقتىسادى ھەق - ھوقۇقلىرى مەسىلىلىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەم سىياسىي مەسىلىلىرى نەزىرىمىزدىن قاچالمىدى. ئەرزان ئىش ھەققى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان قىزلارنى ئىز قوغلاپ تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگەن تەپسىلىي مەلۇماتلىرىمىز، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىگە ئىشەنچىلىك ئۇچۇر تەمىن ئەتكەن بولدى.
تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئاڭلىتىشلىرىمىزدا يەنە، خىتاي تەرىپىدىن چەكلەنگەن بۈيۈك يىرىك ئەسەرلەردىن تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار"، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ " شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسى، ئېلىخان تۆرىنىڭ " تۈركىستان قايغۇسى"، زىيا سەمەدىنىڭ تارىخىي رومانلىرىدىن " يىللار سىرى"، " ئەخمەد ئەپەندى"، ھەمدە يەنە سابىت ئابدۇراخماننىڭ " شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا " قاتارلىق كىتابلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى ۋە يەنە نۇرمەمەت ياسىننىڭ "ياۋا كەپتەر " ناملىق ئەسىرىنى رادىئو دىراممىسى قىلىپ ئىشلەپ تارقىتىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇشۇ يىللاردا يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىر قانچە يىل ئۇدا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە رەھبەر بولغانلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن مەنىۋى ئانا شەرىپى بېرىلگەنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىز قوغلاپ خەۋەرلەر بېرىپ كەلمەكتىمىز. ئۇيغۇر خەلقىمۇ رادىئومىز پروگراممىلىرى ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇردى، رادىئومىزنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن دۇنيا تۇتاشتۇرۇلدى.
2008 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى ئويغانغان بىر يىل بولدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى ئۈچۈن ئاخبارات ساھەسىگە مەلۇم دائىرىدە ئەركىنلىك بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە 4 - ئاۋغۇست، 12 - ئاۋغۇست قەشقەردە، 10 - ئاۋغۇست كۇچاردا يۈز بەرگەن خەلقىنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىم ھەم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ھۇجۇمغا قىلىش ۋەقەلىرى ناھايىتى تېزلىك بىلەن رادىئومىزنىڭ ئۇچۇر - ئاخبارات ھەمدە تەپسىلىي مەلۇماتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقىتىلىپ،تېز ھەم كەڭ دائىرىدە دۇنيا مەتبۇئات يۈزىنى قاپلىدى. بۇ ۋەقەلەر دۇنيا ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قايتىدىن يېقىن نەزەردە بولۇشىغا سەۋەب بولدى.
شۇنداقلا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى، ئاڭلىتىشىمىزدا ئەڭ مۇھىم قاتاردا تۇرىدىغان ئاخباراتلاردۇر. رادىئومىز مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەر،تىنچلىقپەرۋەر خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى دۇنياغا يەتكۈزمەكتە.
يېقىندا غۇلجىدا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنماقچى بولغان ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ، قورسىقىدا يەتتە ئايدىن ئاشقان ھامىلىسىنى دۇنياغا ساق - سالامەت كۆز ئاچقۇزۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەقىقىي ئانىغا خاس قەھرىمانلىقلىرى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا تارىلىپ ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ ئارزۇگۈل ۋە ئۇنىڭ تۇغۇلغۇسى پەرزەنتى پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ قارا قولىدىن قۇتۇلغان بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى يەنىلا كۈزىتىشىمىز ئاستىدا، شۇنىڭغا ئوخشاش بىز ھەر بىر ئاڭلىغۇچىمىز بىلەن بىللە، سىلەرنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىڭلار، بەخت ھەم قايغۇڭلار بىلەن ھەمدەمدە بولۇش بىزنىڭ ئىپتىخارلىق مەسئۇلىيىتىمىز.
دېموكراتىيە، ئەركىنلىك دۆلىتى بولغان ئامېرىكا تۇپرىقىدا قۇرۇلغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى 10 يىل مابەينىدە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاۋازىنى ئاڭلىتالمىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش ھەمدە دۇنيا ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇيغۇرلارغا چىن، ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان.
ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتروللۇق سىياسىتى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان خىلاپ ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى، دەل ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن مۇھىم ئاخبارات ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىشىمىزدا قاتمۇ - قات توسالغۇلار مەۋجۇت، ئەمما ئىشىنىمىزكى، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز قوشۇلغاندا، سىلەر ئۈچۈن ئاڭلىتىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمىزنىڭ سۈپىتى بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلگۈسى ھەم يېڭىلانغۇسى.
ئاخىرىدا، دولقۇن قەمبىرى باشلىق ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزدىكى بارلىق مۇخبىر، ئىختىيارى مۇخبىر ۋە تېخنىك خادىملار 10 يىلدىن بۇيان ئىستانسىمىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ، قىممەتلىك ئۇچۇر ھەم پىكىرلىرىنى ئايىماي كەلگەن ئىخلاسمەنلىرىمىزگە سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.
رادىئو ۋە تور بەت ئالدىدىكى ھەر بىر ئىخلاسمەن، سىزنىڭ يۈرەك سادايىڭىز، بىزنىڭ ئاۋازىمىز. ئاڭلىتىشلىرىمىزغا ۋە تور بېتىمىزگە داۋاملىق ۋاقىت ئاجرىتىشىڭلارغا تىلەكداشمىز.