RFA باشلىقى لىببي لىيۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئاخىرلاشتى

ئامېرىكا رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە كومىتېتى ئەزاسى ف. بلايا ئەپەندى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى باشلىقى لىببي لىيۇ ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى در. دولقۇن قەمبىرى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتنىڭ تۈركىيە زىيارىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

0:00 / 0:00

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن مەزكۇر ھەيئەت، 20 - چىسلا چۈشتىن بۇرۇن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئەنقەرە ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. چۈشتىن كېيىن تۈركىيە رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاخمەت قويۇنچى ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى.

بۇ ئۇچرىشىشتا "ت ر ت" نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاخمەت قويۇنچى ئەپەندى "ت ر ت" نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە "ت ر ت " تارمىقىدىكى تۈركىيىنىڭ ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 31 تىلدا ئاڭلىتىش بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى. كېيىن ئامېرىكا رادىئو تېلېۋىزىيە ئالىي كومىتېتى ئەزاسى بلايا ئەپەندى ئۆز ئىدارىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، " ت ر ت" تېلېۋىزىيىسىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نى بىتەرەپ ھالدا نەق مەيداندىن بەرگەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى باشلىقى لىببي لىيۇ خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ت ر ت بىلەن ھەمكارلىشىش يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھەيئەت 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى سالىھ مەلەك ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ بۇ ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

بۇ ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن سالىھ مەلەك ئەپەندى تۈركىيە باش مىنىستىرلىك ئاخبارات ئىدارىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: " بىزنىڭ ئىدارىمىز تۈركىيىدىكى يەرلىك ۋە چەتئەلنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ئاخباراتچىلارنى باشقۇرىدۇ. بىز دۆلىتىمىزدە خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇخبىرلارغىمۇ ئاسانلىق يارىتىپ بېرىمىز. تۈركىيە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلەنگەنسېرى تۈركىيىگە كەلگەن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە. 2000 - يىللارنىڭ باشلىرىدا تۈركىيىدە 30 - 40 ئەتراپىدا چەتئەللىك مۇخبىر بار ئىدى. ھازىر تۈركىيىدە 226 ئەتراپىدا چەتئەللىك مۇخبىر بار. كۆپ ساندا چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيىدە ئىشخانىلىرى بار. تۈركىيىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتىن نۇرغۇن ئىلگىرىلەش بولدى. ئاخبارات قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، بۈگۈن تۈركىيىدە ھەر قانداق بىر شەخس گېزىت - جۇرنال چىقىراي دېسە، پەقەتلا بىر جەدۋەل تولدۇرسا بىر ئىككى كۈن ئىچىدە رۇخسەت بېرىمىز. چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيىدە ئىشخانا ئېچىشىمۇ بەكلا ئاسانلاشتى."

Libby-we-salih-melek-Turkiye-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﯞﻩ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻑ. ﺑﻼﻳﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻟﯩﺒﺒﻲ ﻟﯩﻴﯘ، ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﺩﺭ. ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﻗﻪﻣﺒﯩﺮﻯ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺷﯚﺑﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﻣﻪﻟﻪﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ. (www.byegm.gov.tr ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.)

سالىھ مەلەك ئەپەندى ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيادا 17 - ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلەنگەنسېرى تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ كۈچلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيادا 17 - ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيادا 10 - ئورۇنغا كىرىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. ئىقتىسادىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيىدە ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلماقتا. ھازىر تۈركىيىدە چوڭ كىچىك بولۇپ 2459 گېزىت، بۇنىڭ ئىچىدە 55ئى دۆلەت بويىچە تارقىتىلىدۇ. 258 تېلېۋىزىيە قانالى بار، بۇنىڭ يىگىرمە يەتتىسى دۆلەت بويىچە تارقىتىلىدۇ. تۈركىيىدە رايون، مەھەللىۋى ۋە دۆلەت بويىچە ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىئولاردىن بولۇپ، جەمىي 1087 رادىئو بار. بۇلاردىن باشقا تۈركىيىدە يەنە 27 خەۋەر ئاگېنتلىقى بار."

ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى سالىھ مەلەك ئەپەندى ئىدارىسىنىڭ ھەر كۈنى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇھىم خەۋەرلەرنى ئىنگىلىزچە، نېمىسچە ۋە رۇسچىگە تەرجىمە قىلىپ تور بېتىگە قويۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تۈركىيىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كېيىن ئامېرىكا رادىئو تېلېۋىزىيە ئالىي كومىتېتى ئەزاسى بلايا ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات سىياسىتى جۈملىدىن ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئىدارىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى باشلىقى لىببي لىيۇ خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 2001 - يىلى تۈركىيىدە ئىشخانا ئاچقان كۈندىن تارتىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قىلغان ياردەملىرىگە رەخمەت ئېيتتى. ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئاخبارات سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا رادىئو تېلېۋىزىيە كومىتېتى باشلىقى بلايا ئەپەندى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى باشلىقى لىببي لىيۇ ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمى باشلىقى در. دولقۇن قامبەرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئەنقەرە ئىشخانىسى ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتنى تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە يۈكسەك كومىتېتى باشلىقى پروف. در. داۋۇت دۇرسۇن ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

پروف. در. داۋۇت دۇرسۇن تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە يۈكسەك كومىتېتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ بۇ كومىتېتنىڭ 9 ئەزاسى بارلىقىنى، بۇ ئەزالارنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى پارتىيىلەردىن سايلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىزمىتىنىڭ بولسا تۈركىيىدىكى پۈتۈن رادىئو تېلېۋىزىيىلەرنىڭ ئاڭلىتىشىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سۆزىدە تۈركىيىدە رادىئو تېلېۋىزىيىنىڭ تېزلا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مەزمۇنىنى تەكشۈرۈشنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىش ئۈچۈن ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. تۈركىيە ئاخباراتچىلىقتا ياۋروپانى ئۆرنەك قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئاخباراتچىلىق سىياسىتىگىمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كېيىن، "بروئادكاستىڭ بوئارد ئوف گوۋەرنورس " يەنى، ئامېرىكا رادىئو تېلېۋىزىيە ئىشلىرى ئالىي كومىتېتى ئەزاسى ف. بلايا ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن چەتئەلگە ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىلەرگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىمۇ بۇلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، كومىتېتىنىڭ 7 ئەزاسى بارلىقىنى، بۇلارنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەيىنلەيدىغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئۈچرۈشۈشتا يەنە، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى باشلىقى لىببي لىيۇ خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى باشلىقى لىببي لىيئۇ خانىم بۇلاردىن باشقا تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بولغان پىكرىنى ئاڭلىدى.