رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدى

تۇركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پارتىيىسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى قەيسەرى شەھىرىگە بارغان. ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ قارشى ئېلىشى بىلەن قەيسەرى شەھىرىگە كىرگەن باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان قەيسەرى قادىر خاس يىغىن زالىدا قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە سۆز قىلغان.

0:00 / 0:00

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قىلغان رەجەپ تايىپ ئەردوغان، قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زالنىڭ يېقىنىدىكى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ 75 ياشتىكى گۈلمەتخاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھال سورىغان.

بۇ زىيارەتتە باش مىنىستىردىن باشقا دۆلەت مىنىستىرى فارۇق ئۆزكۆك، ئېنىرگىيە مىنىستىرى تانەر يىلدىز، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ۋېيسەل ئەروغلى ۋە كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسىمۇ بار ئىكەن.

باش مىنىستىر بۇ ئائىلە بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باش مىنىستىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئەڭ كىچىك قىزى خەيرۇننىسا قىزنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئەكىلەتكەن رەجەپ تايىپ ئەردوغان، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئايالىدىن `نەچچە پەرزەنتىڭلار بار؟` دەپ سورىغان.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئايالى مەريەم خانىم، `بىزنىڭ 5 بالىمىز بار، ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا بىر بالىدىن كۆپ بالا تۇغۇشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئۇيغۇر

Erdoghan-Siyit-Tumturk-bilen1-305
ﺭﻩﺟﻪﭖ ﺗﺎﻳﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 75 ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﮔﯜﻟﻤﻪﺗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻫﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﻩﺟﻪﭖ ﺗﺎﻳﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﮔﯜﻣﻪﺗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﺍ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

قىزلىرىنى ئىش تېپىپ بېرىمىز دېگەن يالغان ۋەدىلەر بىلەن خىتايغا ئېكىتىۋاتىدۇ`، دەپ جاۋاب بەرگەندە، باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ، `بىز ھەر قانداق ناھەقچىلىككە قارشى تۇرىمىز` دېگەن.

سېيىت تۈمتۈركنىڭ چوڭ قىزى ئايشەنۇر باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلغان. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ بۇ ئۇيغۇر ئائىلىسىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.