بۇ قۇرۇلتاي 1932 - يىلىدىن بېرى چاقىرىلىپ كەلمەكتە بولۇپ، 1988 - يىلىدىن تارتىپ 4 يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلماقتا. بۇ قۇرۇلتايدا پەقەتلا تۈركچە ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارلا ئەمەس پۈتۈن تۈركىي تىللار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. 6 - نۆۋەتلىك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى 2008 - يىلى مەخمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخمۇت قەشقىرىگە ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى ھەققىدە 45 ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئابدۇروئۇپ پولات `خىتايدىكى قەشقەرشۇناسلىق` تېمىسىدا، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت بولسا، `تۈركىي تىللار دىۋانىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنولوگىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش` تېمىسىدا، پروف. در. ئىسلامجان شەرىف بەشكىرەمى `ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە تىل پەلسەپىسى ۋە مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتلىرى جەھەتتىن قاراش`، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئابدۇرەشىت جېلىل قارلۇق بولسا `ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە جەمئىيەتسۇناسلىق جەھەتتىن قاراش`، در. موللانىياز تۇنىياز بولسا `ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسى بىلەن تۈركچىنىڭ فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسىنى سېلىشتۇرۇش`، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى نۇرگۈل `تۈركىي تىللار دىۋانىدا توي - تۆكۈن" ھەققىدە مەلۇماتلار`تېمىسىدا سۆز قىلدى.
بۇلاردىن باشقا خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەرجان نۇرى، ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ھاجى قۇتلۇق قادىرى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرمۇ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇ قۇرۇلتايدا مەخمۇت قەشقىرى ۋە مەخمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. بۇ قۇرۇلتايدا پۈتۈن مۇتەخەسسىسلەر مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركولوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئەركىن تارىمنىڭ قۇرۇلتاي ھەققىدە تەييارلىغان تەپسىلى پروگراممىسىنى ئاڭلايسىز.