نۇر بەكرىنىڭ بىلدۈرۈشچە، شاۋگۈەن ۋەقەسى، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ بىر خىتاي قىزىغا چاخچاق قىلىپ بوزەك قىلغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ چىققان. يەنى شۇ كۈنى بىر نەپەر خىتاي قىزى، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ياتىقىغا ئۇقۇشماستىن كىرىپ قالغان. ئۇيغۇر ئىشچىلار، خىتاي قىزغا چاخچاق قىلىپ، ئۇنى ئاخماق قىلغان.
بۇ ئەھۋالنى ئۇققان خىتاي ئىشچىلار ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ياتىقىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇرغان. نۇر بەكرى بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ تەساددىپىي بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، قانلىق ۋەقەنىڭ سەۋەبسىز كېلىپ چىقمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىشچىلاردىنمۇ خاتا كېتىپ قالغان ئىشلار بارلىقىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشتى؛ ئەمما شاۋگۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەقەگە باشقىچە ئىزاھات بەرگەن ئىدى يەنى ۋەقەنىڭ بىر ساختا خەۋەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، ساختا خەۋەر تارقاتقان جۇ پەمىلىلىك خىتاينىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
نۇر بەكرىنىڭ ئىزاھاتى بويىچە، شاۋگۇەن ھۆكۈمىتى جۇ پەمىلىلىك خىتاينى ناھەق جازالىغان بولىدۇ. ئەمما نۇر بەكرى شاۋگۈەن ھۆكۈمىتىنى ۋەقەگە جىددىي كۆڭۈل بۆلدى ۋە ۋاقتىدا ئارىلاشتى دەپ مەدھىيىلىدى. ئۇ ساقچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ 5 سائەتتىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىشىنى تاماشا قىلغانلىقى قاتارلىق پاكىتلارغا كۆز يۇمدى.
شاۋگۈەن ۋەقەسىنى مۇمكىن قەدەر كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ۋە يەنە شاۋگۈەن قاتىللىرىنى ھېچقانداق ئەيىبلىمىگەن نۇر بەكرى، ئۈرۈمچى نامايىشىنى، پىلانلىق، تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش-چېقىش ۋە ئوت قويۇش زوراۋانلىق ۋەقەسى دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ ئۈرۈمچى نامايىشىنى چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، دۆلەت سىرتىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ، دۆلەت ئىچىدە بولسا "ئۇيغۇربىز" تور بېتى ۋە "دىيارىم" تور بېتىنىڭ ئۈرۈمچى نامايىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇر بەكرىنىڭ مەزكۇر نامايىش سەۋەبلىك ئۇيغۇربىز تور بېتىنى ئەيىبلىشى، نۆۋەتتە ئۆچ ئېلىش دەپ قارالماقتا. چۈنكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى 3 ئاينىڭ ئالدىدا رادىئومىزدا بايانات بېرىپ، نۇر بەكرىنىڭ لاياقەتسىزلىكىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك 1 ئاي نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە ئۇيغۇربىز تور بېتى 6 - قېتىم تاقالغان ئىدى.
نۇر بەكرىنىڭ بۇ قېتىمقى تەنقىدى، ئىلھام توختىغا قارىتا ئىككىنچى قېتىملىق ئۆچ ئېلىش دەپ قارالماقتا. ئىگىلىشىمىزچە، ئىلھام توختى ئىككى كۈندىن بېرى قايتىدىن يەنە نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە بۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچى نامايىشى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان؛ ئەمما ئۇنىڭ سوراقتىن كېيىن قويۇۋېتىلگەنلىكى ياكى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.
نۇر بەكرىنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدىكى باياناتى 11 كۈن كېچىكتى. باياناتنىڭ كېچىكىشى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پەيدا قىلغان بولسا؛ باياناتنىڭ مەزمۇنى كىشىلەرنى غەزەپلەندۈردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسىدىن ئىبارەت رەھىمسىز بىر قاتىللىق ۋەقەسىگە ئىككى ئېغىز نارازىلىق بىلدۈرەلمەسلىكى، ئۇنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىدىكى ئىنسانىي غورۇر ۋە مەيدانىغىمۇ گۇمان پەيدا قىلدى.
بۇندىن كېيىنكى پروگرامىلىرىمىزدا، بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردىن ۋاقىپ بولسىلەر.