نوغايتۇ دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى مەجبۇرىي سېتىۋېلىش داۋاملاشماقتا

ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن بىرلىشىپ «ھالقىما تەرەققىيات پىلانى» نامىدا، دېھقانلارنى تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا.

0:00 / 0:00

رادىئومىز دۈشەنبە كۈنى چەتئەلدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن ئىنكاسىغا ئاساسەن، بۇ يىل ئەتىيازدا غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن نوغايتۇ يېزىسىدا غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى، رايونغا يېڭىدىن يەرلەشكەن خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئەھۋالنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەر، نوغايتۇ يېزىسىدىكى يېرىنى سېتىشقا مەجبۇرلانغان دېھقانلار ھەم يېزا كادىرلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

غۇلجا شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم ئۆزىنىڭ نوغايتۇ يېزىسىدا دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنىڭ غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ھالقىما تەرەققىيات پىلانى» غا ئاساسەن، رايونغا يەرلىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى قولىغا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم دېھقانلار ھۆكۈمەتنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىۋېلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تېرىلغۇ يېرىنى سېتىشنى رەت قىلغان. ئەمما يەنە بىر قىسىم دېھقانلار يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قىزىقتۇرۇشى، بېسىمى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى باھا قويۇشقا ۋەدە بېرىشىدەك ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشى نەتىجىسىدە تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

نوغايتۇ يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، بۇلتۇردىن بۇيان نوغايتۇ يېزىسىدا دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بىر قىسىم دېھقانلار يەرلىرىنى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى ھەم بېسىمى بىلەن خىتاي شىركىتىگە سېتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىپ بېرىشكە قوشۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم بىزگە بۇ قېتىم تەرەققىيات رايونى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن جايلارنىڭ نوغايتۇ يېزىسىنىڭ يار بويى مەھەللىسى ئەتراپىدىكى دېھقانلارنىڭ ئاقتۆپە، ئىتتىپاق يېزىلىرىغا تۇتىشىدىغان جايلاردىكى تېرىلغۇ يەرلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز يېزىدىكى دېھقانلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن يېرىنى خىتاي شىركىتىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلانغان بىر دېھقاننى زىيارەت قىلدۇق.

بۇ دېھقان مۇخبىرغا، نوغايتۇ يېزىسىدىكى يار بويى ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردىن 4 مەھەللىنىڭ تەخمىنەن 4000 مو ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يېرىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى ھەم بېسىمى بىلەن پىلىچى كۆمۈر كېنىنى ئۆتكۈزۈۋالغان خىتاي شىركەتلىرىگە مەجبۇرىي سېتىپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ دېھقان ئۆز بايانىدا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئىگىلىمەسلىك» بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلىشىغا بولغان نارازىلىقىنى كىنايىلىك ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى.

ئۇلار «ھۆكۈمەت بەرگەن يەرنى ھۆكۈمەت ئۆزى قايتۇرۇۋالىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دېھقانلاردىن تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. قانۇندا دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. قانۇندا يەنە دېھقانلارنىڭ يېرىنى سېتىشنى رەت قىلىش ھوقۇقىمۇ بار دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمما ئەمەلىيەتتە دېھقانلاردا نەدىمۇ قانۇن ئارقىلىق ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش ئىقتىدارى بولسۇن؟! دېھقانلار ئۆز بېشىغا بالا كېلىشىدىن قورقىدۇ. ھەممىنى ئېنىق بىلىدىغان پارتكوم، ھۆكۈمەت دېگەنلەر دېھقانلارنىڭ نەچچە مىڭ مو تېرىلغۇ يېرى سېتىلسا، كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتنى بىلىپ تۇرۇپ، دېھقانلارنى يېرىمىزنى سېتىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ ئىشنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىزلىقىنى ھۆكۈم قىلىدىغان ئادەم تېخى يوق. سىز يېزىمىزدا خەلق ۋەكىللىرى دەپ سايلانغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگىلەڭ. بىزدىكى تەشۋىقات ئورۇنلىرى مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ئەسلى يېزىلارغا كېلىپ، دېھقانلاردىن ئىگىلىشى كېرەك ئىدى. ھەقىقىي مۇخبىرلار ئەسلى مانا مۇشۇنداق قىيىن مەسىلىلەرنى، قىزىق نۇقتىلارنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشى كېرەك ئىدى. مانا ھازىر بىزنى قول قويدۇرۇپ، يېرىمىزنى ساتقۇزدى. بىز ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىمىزنى ھۆكۈمەتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن يەنە ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇپ بەردۇق!

قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، بىز نوغايتۇ يېزىسىدىكى زور بىر قىسىم تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىلغانلىقى مەسىلىسى ھەققىدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى كادىرلار ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلارنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلۇمات بېرىشكە تېرىشىمىز.