"مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئەسەرلىرى" ماۋزۇلۇق بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تۈركىيە ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، گېرمانىيە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئىستانبۇل يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىن 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سېناتو زالىدا داۋام قىلغان.
يىغىنغا مەشھۇر تۈركولوگلاردىن پېتېر زىېمې، كلائۇس رۆھربورن، تاكاشى ئوساۋا، ئوسمان فىكرى سەرتقايا قاتارلىق كىشىلەردىن باشقا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىمۇ قاتناشقان. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئارسلان ئابدۇللا " قۇمۇلدا ياشىغان قەدىمقى قەبىلىلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە تامغىلىرى" تېمىسىدا، ئەسئەت سۇلايمان "مەھمۇت قەشقىرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى" تېمىسىدا، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەتقىقاتچىسى تاھىرجان مۇھەممەد "تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تەرجىمە ۋە نەشر ئىشلىرى" تېمىسىدا، ئۇيغۇر تۈركولوگ ئابدۇرېشىت ياقۇپ "مەھمۇت قەشقىرى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر كىملىكى" تېمىسىدا سۆز قىلدى. بۇلاردىن باشقا يەنە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى جاڭ دىڭچىڭ، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەتقىقاتچىسى جاڭ مىڭمىڭ، گېرمانىيە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت سەمەت قاتارلىق بىلىم ئادەملىرى سۆز قىلغان.
2008 - يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى داۋاملىق ھالدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ يىغىنلاردا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە يېڭى تەتقىقاتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلمەكتە.
بىز بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى يىغىندا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە يېڭى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئوسمان فىكرى سەرتقايا ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.