نامايىشتا ئۆزىگە ئوت قويغان مەمەت تۇرسۇن ئىستانبۇلدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەلدى

2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ئۆزىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، خىتاينى ئەيىبلەش، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ھاياتى خەۋپ - خەتەرگە قارىماي ئۆزىگە ئوت قويغان مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى ئەنقەرە نەمۇنە دوختۇرخانىسىدىن ئىستانبۇلدىكى باغچىلار دۆلەت دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلدى.

0:00 / 0:00

دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بوينى ۋە ئىككى قولى ئېغىر دەرىجىدە كۆيگەن مەمەت تۇرسۇن بىر مەزگىل داۋالىنىشى ۋە دەم ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى ئەنقەرە نەمۇنە دوختۇرخانىسىدا 11 كۈن داۋالانغاندىن كېيىن، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئىستانبۇلغا ئېلىپ مېڭىلدى. مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى ئىستانبۇلغا ئۇچۇش ئۈچۈن ئايرودرومغا مېڭىش ئالدىدا، ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر قولىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن تۈركىيىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئەنقەرە نەمۇنە دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە ، مەمەت تۇرسۇن ئىستانبۇل باغچىلار دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بىر مەزگىل داۋالىنىدىكەن.

ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى، قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا ئۆز تۇيغۇلىرىنى رادىئومىزغا سۆزلەپ بەردى. ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىش جەريانىدا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى بىركۈنمۇ يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز يەنە تۇيغۇلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۈگۈن ئىشلىرىنى تاشلاپ مەمەت تۇرسۇننى ئۇزىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كەلگەن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.