كۆكبايراق ژۇرنىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بېغىشلاپ مەخسۇس سان چىقاردى

`تۈركىيە گۈنلۈگۈ` يەنى `تۈركىيىنىڭ كۈنلۈك خاتىرىسى` ناملىق ژۇرنالدىن كېيىن، `كۆكبايراق` ژورنىلىمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بېغىشلاپ مەخسۇس سان نەشىر قىلدۇردى. بۇ ساندىكى بىرىنچى ماقالىنىڭ 'تېمىسى ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان.'

0:00 / 0:00

كېيىن ژورنالدا يەنە تۈركىيەدىكى گېزىتلەردە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە چىققان خەۋەر ۋە ماقالىلەرنىڭ تېمىلىرى رەڭلىك رەسىملەر بىلەن بېرىلگەن. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە تۈركىيىدىكى گېزىتلەر بىرىنچى بەتتە ئورۇن بەرگەن ئىدى. كۆكبايراق ژورنىلىنىڭ بۇ مەخسۇس سانىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە تۈركىيەدىكى داڭلىق ئوبزورچىلار يازغان ماقالىلارغىمۇ يەر بېرىلگەن.

بۇلار ماقالىلار، تەرجىمان گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن مەندەرەس يازغان `شەرقىي تۈركىستان` ماۋزۇلۇق ماقالە، رادىكال گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى سابىق مىنىستىر نامىق كامال زەيبەك يازغان `ئۇ يەر شەرقىي تۈركىستان` ماۋزۇلۇق ماقالا، رادىكال گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى سابىق مىنىستىر ھاسان جەلال گۈزەل يازغان `تۈركىيەنىڭ سىرتىدا ئەڭ كۆپ تۈرك نۇپۇسى بار يەر قەيەر بىلەمسىلەر؟ ماۋزۇلۇق ماقالا، داڭلىق ئوبزورچى تاھا ئاقيول يازغان `شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ۋەھشىلىكى داۋام قىلىۋاتقاندا` ۋە داڭلىق ئوبزورچى فىكرەت بىلا ئەپەندى يازغان `دۈنيا بۇ ۋەھشىلىككە قاراپ تۇرماقتا` ماۋزۇلۇق ئوبزورلاردىن ئىبارەت.

بۇلاردىن باشقا ئەرتۇغرۇل ئايدىن، ئاخمەت ۋارول، جۇمھۇرىيەت گېزىتى ئوبزورچىسى رىزا زەليۇرت ۋە بۈگۈن گېزىتى ئوبزورچىسى ئاخمەت تاشگېتىرەن قاتارلىق ئوبزورچىلارنىڭ ماقالىلىرىمۇ تاللاپ ژورنلاغا كىرگۈزۈلگەن. كۆكبايراق ژۇرنىلى 15 يىلدىن بېرى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدىنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان ئىككى ئايدا بىر چىقىدىغان ژۇرنال.

ئەگە ئۈنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت بۇ ژۇرنالدىكى ماقالىلەر ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.