بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بومباردىماندا ھازىرغا قەدەر پەلەستىنلىكلەردىن 370 كىشى ئۆلگەن؛ خاماسنىڭ راكېتا ۋە زەمبىرەك ھۇجۇمىدا بولسا ئىسرائىلىيىلىكلەردىن 4 كىشى ئۆلگەن. ئىسرائىلىيە بۈگۈن بومباردىماننىڭ تاكى خاماس راكېتا ھۇجۇملىرىنى توختاتقانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە: ھۇجۇم تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا؛ خاماس: قارشلىقىمىز داۋاملىشىدۇ.
خاماس باياناتچىسى بولسا ئىسرائىلىيىگە قارشى بارلىق ئىمكانلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، گېزى كەلگەندە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەت ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنگە قارىتا ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ قوللانغانلىقىنى، ھۇجۇمدا، قورالسىز پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. ئىسرائىلىيە بولسا، ھۇجۇمدا ئاساسلىقى، خاماسنىڭ ئەسكىرىي ئورۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىنى ھۇجۇم نىشان قىلغانلىقىنى، ئەمما خاماس قورال - ياراقلىرىنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە ساقلاۋاتقانلىقى ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇشتىن خالىي بولالمايۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا مەسئۇلىيەتنىڭ خاماس تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا ، ئىسرائىلىيە نۆۋەتتە ھاۋا بومباردىمانىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، گازا رايونى چېگرىسىغا پىيادە ئەسكەر قوشۇنى ۋە زەمبىرەكچى قىسىملارنى توپلىغان. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر خادىمى نۆۋىتى كەلگەندە گازاغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى شىمون پەرەس ئالدىنقى كۈنىدىكى باياناتىدا، گازانى قايتا كونتروللۇقىغا ئېلىش پىلانى يوقلۇقىنى، پەقەت گازادا، خاماس ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۈگۈن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى گازا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلماقچى. ياۋروپا بىرلىكى ئالدىنقى كۈنىدىكى باياناتىدا، ئۇرۇشتا خەتەرگە يولۇقۇۋاتقان پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە گازاغا قۇتقۇزۇش ماتېرىياللىرى ئەۋەتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پەلەستىندىكى ئىسلامىي جاھات تەشكىلاتىنىڭ ئەلقۇددۇس رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىر ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ترانسىپورتى ئۈچۈن رەفاخ چېگرىسىنى ئاچقان. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىمۇ Kerem Shalom چېگرا ئېغىزىنى ئىنسانىي ياردەم ئۈچۈن ئېچىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد، بۈگۈن ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنگە يوللىنىدىغان قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ توشۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنى غەيرىي ئىنسانىي قىلمىش دەپ ئەيىبلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى Ban Kimoon ئىسرائىلىيە ۋە خاماستىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنى ئەيىبلىدى. بان كىمۇن سۆزىدە خاماسنىڭ راكېتا ھۇجۇملىرىنى توختاتمىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيىنىڭ بولسا، مەسىلىنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى دەپ ئەيىبلىدى.
بۈگۈن پەلەستىن ۋەزىيىتىگە ئىنكاس قايتۇرغان خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ، ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىندە ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسى Richard Faulk بۈگۈن ب ب س غا قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيىنىڭ قورالسىز پۇقرالارغا زامانىۋى قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدئىنىجاد: " پەلەستىنلىكلەر ئىشخالىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى جىھاتتۇر، شاھادەتتۇر، نەتىجە قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلار زەپەر قازانغۇچىلاردۇر،" دەپ مەدھىيىلىگەن.