گرۇزىيە - رۇسىيە ئارىسىدىكى توقۇنۇش جىددىلەشمەكتە

8 - ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيە قوشۇنلىرى گرۇزىيىنىڭ جەنۇبىي ئاسسېتىيە رايونىغا كىرىپ، گرۇزىن قوشۇنلىرىغا زەربە بەرگەندىن كېيىن، گرۇزىيە ئارمىيىسى بىلەن رۇسىيە ئارمىيىسى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش پارتلاپ، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە خانىۋەيران بولۇشى كېلىپ چىقتى.

0:00 / 0:00

ئۇرۇش 3 - كۈنىگە كەلگەندە گرۇزىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان يەنە بىر جۇمھۇرىيەت ئابخازىيىمۇ گرۇزىيىگە قارشى ئۇرۇش جاكارلاپ، توقۇنۇش كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. گرۇزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى جىددىي مەسىلىسىگە ئايلاندى.

غەرب رۇسىيىنى تەنقىد قىلدى

تۆت كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە - گرۇزىيە قوراللىق توقۇنۇشى بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالدى. قانداق قىلغاندا رايوندىكى بۇ توقۇنۇش توختىتىش ھەم ئۇنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 8 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقاندا باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ ھەمدە پرېزىدېنت مېدۋېدېۋغا تېلېفون بېرىپ، رۇسىيىنىڭ بۇنداق ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەنقىد قىلىپ، مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تىبلىس بىلەن موسكۋانى ياراشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازى، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنى گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشىۋېلى بىلەن سۆزلەشكەنلىكى، ئۇنىڭ ساكاشىۋېلىغا رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، گرۇزىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەمىمىي ئىتتىپاقچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاق ساراي رۇسىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىغا بېسىم كۆرسەتكەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشى 10 - ئاۋغۇست كۈنى 3 - قېتىم ئۇرۇش توختىتىش ھەمدە رايوننىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يىغىن چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتە ئېنىق پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىنمىغان. رۇسىيە تەرەپ بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا قارشى چىققان بولۇپ، رۇسىيە گرۇزىيىنى ئاسسېتىنلارنى ئېتنىك قىرغىن قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن.

غەرب دۆلەتلىرى بولسا رۇسىيىنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن تەنقىد قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق جەنۇبىي ئاسسېتىيە پايتەختى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىگىلەپ، گرۇزىن قوشۇنلىرىنى توپقا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن. گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشىۋېلى ئامېرىكىغا ماسلىشىپ ئىراققا كىرگۈزگەن قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى يۆتكەپ ئۇرۇش رايونىغا ئەۋەتكەندىن سىرت يەنە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى سەپەرۋەرلىك قىلغان.

گرۇزىيە ئۇرۇش توختىتىشقا رازى، بىراق رۇسىيە ئۇرۇشنى ئاخىرقى نىشانغىچە ئېلىپ بارماقچى

ساكاشىۋېلى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى، ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدىگەن شۇنىڭدەك دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىنى تەستىقلاپ، ئۆز قوشۇنلىرىنى چېكىنىشكە بۇيرىغان.مەزكۇر تەشەببۇستا ئىككى تەرەپ دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، ئەسكەر چېكىندۈرۈش ھەم سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش بەلگىلەنگەن.

فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي سەيشەنبە كۈنى موسكۋاغا بېرىپ، بۇ مەسىلە بويىچە رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى بولغان. بىراق، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى گرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغانلىقىغا پەرۋا قىلمىغان ھەم ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغان بولۇپ، رۇسىيە قوشۇنلىرى داۋاملىق تۈردە گرۇزىيىنىڭ غەربىي تەرەپلىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ، ئايروپىلانلار بىلەن بومباردىمان قىلغان ۋە گرۇزىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان ئابخازىيە قوشۇنلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى گرۇزىيىنىڭ غەربىي تەرەپلىرىگە ھەمدە ئابخازىيىگە كىرگۈزگەن. نۆۋەتتە، جەنۇبىي ئاسسېتىيە رايونى پۈتۈنلەي رۇسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن.

رۇسىيە سىياسىيونلىرى ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك، دېيىشمەكتە

رۇسىيىنىڭ نەۋسرۇ ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە پارلامېنتى جەنۇبىي ئاسسېتىيە ۋە ئابخازىيە مەسىلىلىرىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى ژىرونوۋسكىي ۋە كومپارتىيىنىڭ داھىيسى ژيۇگانوۋ قاتارلىقلار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال جەنۇبىي ئاسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جەنۇبىي ئاسسېتىيە ۋە ئابخازىيە رەھبەرلىرىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. موسكۋا تىبلىسنى ئاز سانلىق مىللەت ئاسسېتىنلارنى ئېتنىك تازىلاش بىلەن ئەيىبلەپ، گائاگادىكى سوتقا تارتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، تىبلىس تەرەپ، رۇسىيىنى گرۇزىنلارنى قىرغىن قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن رۇسىيە جەنۇبىي ئوسسېتىيىگە كىردى؟

جەنۇبىي ئاسسېتىيە ئەسلىدە گرۇزىيىنىڭ بىر ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ، 1991 - يىلى ئۆزىنى جۇمھۇرىيەت دەپ جاكارلاپ، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. جەنۇبىي ئاسسېتىيە رۇسىيە تەۋەسىدىكى شىمالىي ئاسسېتىيە بىلەن قوشنا بولۇپ، يەر مەيدانى 3900 كىلومېتىر، ئاھالىسى 70 مىڭ ئەتراپىدا، بۇ يەردە خرىستىيان ئاسسېتىنلار، رۇسلار ۋە گرۇزىنلار ياشايدۇ. ئاسسېتىنلارنىڭ سانى يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي ئاسسېتىيە ھېچ بولمىغاندا گرۇزىيىدىن ئايرىلىپ، رۇسىيە تەۋەسىدىكى شىمالىي ئاسسېتىيە جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان.

نەتىجىدە بۇ رايوندا قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىققان بولۇپ، 1992 - يىلى رۇسىيە قوشۇن كىرگۈزۈپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرغان ھەمدە رۇسىيە، گرۇزىيە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئوسسېتيىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ قاتناشقان كېلىشم تۈزۈلۈپ، رۇسىيە ۋە گرۇزىيە تەرەپنىڭ تىنچلىق ساقلاش قوشۇنلىرى بۇ جايدا تۇرغۇزۇلغان ئىدى. لېكىن، جەنۇبىي ئاسسېتىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنى مۇستەقىل دەپ جاكارلاپ، تىبلىس ھۆكۈمىتىگە بويسۇنۇشنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلدى شۇنىڭدەك بۇ يىل 2 - ئايدا كوسوۋا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇشنى قايتا تەلەپ قىلغاندا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسى بىلەن موسكۋا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنى تەنقىد قىلىپ، كوسوۋا مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىنسا، ئۆزلىرىنىڭ جەنۇبىي ئاسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىمۇ ئويلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

يېقىندا گرۇزىيە قوشۇنلىرى 1992 - يىلىدىكى كېلىشىم بويىچە كىرىشكە چەكلەنگەن جايلارغا كىرگەندىن كېيىن ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەن. گرۇزىيە ئىزچىل تۈردە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىيە مەسىلىسىدە رۇسىيىنى ئاستىرىتتىن ئۇلارنى قوللىغانلىق بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ساكاشىۋېلى غەربنىڭ تەسىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق رۇسىيىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان ئىدى. لېكىن، بۇ قېتىم مەزكۇر رايونغا قوشۇن كىرگۈزۈش بىلەن جاۋاب بەردى. نۆۋەتتە، 15 - 16 يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاسسېتىنلار ۋە ئابخازلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم سىياسىي كۈنتەرتىپىگە كىرگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.