كۆزەتچىلەر ھەمدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى بولسا بۇندىن 14 يىل بۇرۇن باشلانغان غەربنى ئېچىش شامىلىدىن كېيىنكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق بۇلاڭ-تالاڭچىلىقى دەپ باھالىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى يېڭى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 12-بەش يىللىق يىرىك پىلانىدا بولسۇن ۋە ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن ۋە رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە بولسۇن، ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن نۇقتا يەنىلا «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ھەمدە «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىتىش» دېگەنلەر بولماقتا.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى 2010-يىلى 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى. شۇ يىلى 5-ئايدا يەنە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئېنىق ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزدى. بۇ پىلاننىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇش تۈرلىرى 2011-يىلى رەسمىي ئىش باشلىدى.
ئارىدىن دەل بىر يىل ئۆتكەن مۇشۇ كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنىڭ جەمئىي 1293 تۈر بويىچە ئىش باشلىنىپ 138 ساھەدە ئىنتايىن نەتىجىلىك ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى تەنتەنە قىلىش بىلەن تەڭ، 2012-يىلىدا يەنە بىر يىللىق نىشانلىق ياردەم تۈرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاساس قاتلامغىچە ھەر بىر كەسىپ تۈرلەرگە كېڭەيتىش پىلانلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىدى.
تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاقسۇغا بىر يىل ئىچىدە پىلانلىق يۆتكىگەن كەسپى خادىملىرىنىڭ سانى 2000 نەپەرگە يەتكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا يەنى بېيجىڭدا 2011-يىلى 25-نويابىر ئېچىلغان 12-بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىرىك پىلانى يىغىنىدا خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى جۇ يۈڭكاڭ تەكىتلەپ: «2012-يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇپ، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە ئىشلارنى ئالاھىدە جىددىي بېجىرىپ مۇھىم تۈرلەردە تېزلىكتە قۇرۇلۇش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى 2012-يىلى يېڭى يىللىق نۇتقىدا، مەخسۇس شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە قاتنىشىۋاتقان ئۆلكە شەھەر ۋە خىتاي كارخانىلىرىغا تەشەككۈر بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «بۇ بىر يىل ئاممىنى ئەڭ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرگەن بىر يىل بولدى، گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەر ۋە كارخانىلار خەلقنى بېيىتىش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇشتا بىزنى ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرۈپ يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى» دەپ مەدھىيە ئوقۇغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن بولسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە كادىرلاردىن، يېڭى بىر يىلدىكى نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ غەلىبىلىك ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئاكتىپ ماسلىشىشنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى تەرەققىي قىلىش ئىلگىرىلەشنىڭ، تۈپ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ مەركەزنىڭ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا دائىر مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قايتا تەكىتلىگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھەمدە كۆزەتچىلەر بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئالغان خىتاي ئۆلكىلىرىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى، بىر سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەر جەھەتتىن مۇجەسسەملەنگەن ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيە، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇر ئېلىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيىنىڭ يېڭى بىر نامدا يولغا قويۇلۇشى دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997-يىلى 2-ئايدا باشلىغان خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە دېڭىز بويى شەھەرلىرىنىڭ غەربنى ئېچىش شامىلىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ھۆججىتى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشكەن ۋە كۈچەيتىلگەن ئىدى، 14 يىل ئىلگىرى شىنجاڭنى ئېچىش، يەنى 1997-يىلىدا بىرىنچى تۈركۈمدە خىتاي ئۆلكىلەردىن جەمئىي 200 كادىر شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىق خادىملار نامىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەتتە ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدىكى 17 بىۋاسىتە نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلىشى بىلەن باشلانغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىنكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيىسىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بايلىق ئېچىش ۋە بۇلاشنى مەقسەت قىلغان 14 يىل ئاۋۋال باشلانغان سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ يەنىمۇ راۋاجى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى» دەپ مۇلاھىزە قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ پەرقىنى ئېچىپ كۆرسەتتى.