فىنلاندىيە 'قىشلىق ئۇرۇشى' نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تارىخىي كىتابلاردا يوق؟

1939 - يىلى 30 - نويابىر كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 425 مىڭ كىشىلىك قىزىل ئارمىيىسى تانكا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە فىنلاندىيە زېمىنغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇرۇش قىسقىغىنا ئۈچ ئاي داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ كۆپلۈكى، ئۆلۈم ‏ - يېتىم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئۇرۇشنىڭ دەھشەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن دۇنياغا تونۇلۇپ فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى.

ئەسلىدە فىنلاندىيە شۋېتسىيە ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق زېمىن بولۇپ، پولتاۋا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن شۋېتسىيە ئىمپېرىيىسى 1809 - يىلى فىنلاندىيىنى رۇس ئىمپېرىيىسىگە تارتقۇزۇپ قويغان ئىدى.

تاكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە رۇسىيىنىڭ قارمىقىدا ياشىغان فىنلاندىيە، 1918 - يىلى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قولدىن كەتكەن ئەسلىدىكى چاررۇسىيىگە قاراشلىق زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش غەرىزىدە يۈرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن چاقماق تېزلىكىدە فىنلاندىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ فىنلاندىيىنى بېسىۋېلىش غەرىزىدە بولغان ئىدى. ئەمما ئۇرۇش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىشى بىلەن 1940 - يىلى مارتتا ئاخىرلاشتى.

گەرچە بۇ ئۇرۇش ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانمىسىدىكى پۈتۈن ياۋروپانى ھەتتا دۇنيانى تىترەتكەن دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان دۇنيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي كىتابلارغا ۋە دەرسلىك كىتابلارغا بۇ ئۇرۇش ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر كىرگۈزۈلمىگەن.

بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى تېخىمۇ ناتونۇش. مەيلى ئۇيغۇر ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دۇنيا تارىخى كىتابلىرىدا بولسۇن، مەيلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا تارىخى كىتابلىرىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان دۇنيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردا بولسۇن، بۇ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ھەقتە، بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى 1939 - يىلى 30 - نويابىر باشلىنىپ 1940 - يىلى مارت ئېيىدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، جەمئى 105 كۈن داۋام قىلغان.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە 425 مىڭ ئەسكەرنى ئۇرۇشقا بىراقلا سەپەرۋەر قىلغان بولسا بىر ئايدىن كىيىن بۇ ساننى بىر ھەسسە ئاشۇرغان.

ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ۋە فىنلاندىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرى تۆۋەندىكىچە بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن 998 مىڭ ئەسكەر، 6500 تانكا، 3880 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا، پەقەت ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە 250 مىڭ ئەسكىرى ئۆلگەن.

فىنلاندىيە تەرەپتىن پەقەت 180 مىڭ ئەسكەر، 32 تانكا، 114 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا، 26 مىڭ ئەسكىرى ئۇرۇشتا ئۆلگەن.

ياۋرۇپا تارىخچىلىرى يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، "بۇ ئۇرۇش ھازىرقى زامان دۇنيا تارىخىدا ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلار ئۈستىدىن، ئاجىزلار كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى" دەپ باھا بېرىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.