ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئاڭلىتىش باشلىغانلىقىنىڭ 10 يىللىقنى تەبرىكلىدى

مۈھتەرەم ئوقۇرمەنلەر، مۇشۇ مىنۇتلاردا ئەركىن ئاسىيا رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى،ئۇيغۇر ئاۋازىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى دولقۇنلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقىتىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان مىنۇتلاردۇر.

0:00 / 0:00

ئاڭلىتىشىمىزنى، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ھەتتا ھاياتىي تەھدىت ئاستىدا تۇرۇپمۇ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىخلاسمەنلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىن ئۇيغۇر دىيارىغا، ئوتتۇرا ئاسىيا، پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىۋاتقان ھەر بىر مىنۇتلۇق ئاڭلىتىشىمىزنىڭ ئىلھامى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ھەر بىر مۇخبىرى، خىزمەتچىسى ھەمدە ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى بىردەك سىلەرگە سۈپەتلىك، ئىشەنچىلىك، چىن ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش شۇنىڭدەك ئاۋازىنى ئەركىن دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقانلارنىڭ ئاۋازىنى ۋاكالىتەن دۇنياغا يەتكۈزۈشنى، بىز،ئۆزىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز، پەخىرلىك ۋەزىپىمىز دەپ تونۇيمىز.

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تونۇشتۇرۇشىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش تارقىتىلىشقا باشلىغان 10 يىللىق مۇساپىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا يۈز بەرگەن قانداق مۇھىم ۋە زور ۋەقەلەرنىڭ ئاۋاز دولقۇنلىرىدا تارقىتىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى " ئاۋازسىز قالغان خەلققە ئاۋاز بېرىش " نى ئۆزىگە تۈپ خىزمەت مىزانى قىلغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئاڭلىتىلىۋاتقان، ئۇيغۇر، تىبەت، كورىيە، لائوس، ۋيېتنام، كامبۇدژا، خىتاي قاتارلىق 13 خىل تىلدىكى ئاڭلىتىش مانا مۇشۇ مىزان بىلەن ئاسىيا قىتئەسىدىكى، دېموكراتىيىسىز، ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىدىن، دۇنياغا ئەركىن ئۇچۇر بېرىش ھەم ئىگىلەش ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم مۇشۇ خىل تىلدىكى مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئەركىن ئاڭلىتىش پۇرسىتى بەرگەندىن سىرت، ئەركىن دۇنيادىكى چىن، ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى ئۇلارغا بىتەرەپ ھالدا يەتكۈزۈشنى ئۆزىگە خىزمەت مىزانى قىلغان.

جۈملىدىن رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1998 ‏ - يىلى 14 - دېكابىر رەسمىي تارقىتىلغان ئىدى. مانا شۇ كۈنىدىكى يېرىم سائەتلىك ئاڭلىتىشىمىز بىلەن نوپۇسى ئون مىليوندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەلقئارادا ئۇيغۇر تىلىدا تۇنجى قېتىملىق رادىئو ئاڭلىتىشنىڭ سەھىپىسى ئېچىلغان ئىدى. مانا ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، رادىئومىز كۈندە بىر سائەت رەسمىي ئاڭلىتىش، بىر سائەت تەكرار ئاڭلىتىش بېرىدىغان، ھەپتىدە يەتتە كۈن تارقىتىلىدىغان، بىر قەدەر مۇكەممەل سەھىپىلەرگە ئىگە مۇنتىزىم پروگرامما شەكلىنى ئالغان، ئۇيغۇر تىلىدا ئاۋاز دولقۇنلىرى بىلەن تارقىتىلغاندىن باشقا ، ئۈچ خىل يېزىقتىكى رەڭدار ئىنتېرنېت تور بېتىگە ئىگە ئۇنىۋېرسال رادىئو ئىستانسىسى بولۇپ بارغانچە مۇكەممەللەشمەكتە.

رادىئومىزدا نۇقتىلىق، كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر، ۋەقە ھەم مۇلاھىزە، تارىخىي پروگرامما،، قىزىق لىنىيە ئىنكاسلىرى، خەۋەر ئانالىزى، رادىئو ئوبزورى، ھەپتىلىك خەۋەرلەر، تەپسىلىي مەلۇمات ۋە يەنە ئىختىيارىي مۇخبىرلاردىن ئۇچۇرلار قاتارلىق سەھىپىلەردە ئۆز مۇخبىرلىرىمىز ھەمدە تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، گېرمانىيە، كانادا، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز كۈندە يېڭى ھەم سۈپەتلىك، ئىشەنچلىك خەۋەر ‏ - ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.

ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزدا ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش باشلىغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن - 17 دېكابىر رادىئونىڭ ۋاشىنگىتوندىكى باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش يىغىنىغا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مەمۇرىي رەھبەرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر بۆلۈم مۇخبىر ھەمدە مۇھەررىرلىرى قاتنىشىپ

10 يىللىق ئاخبارات خىزمىتىدىكى نەتىجىلەرنى يەكۈنلىدى.

يىغىندا دەسلەپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈم باشلىقى دولقۇن قەمبىرى ئەپەندى تەبرىك سۆزى قىلدى. دولقۇن قەمبىرى ئەپەندى، ئاڭلىتىش باشلانغاندىن ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا مەزكۇر رادىئونىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە ئاڭلىتىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ،خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق خىزمەتچى، مۇخبىرلارغا تەشەككۈر بىلدۈرگەندىن باشقا،رادىئومىزنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ئاڭلىتىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، ئۈمىدى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رادىئونىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىئومىز ئاڭلىتىشىنى مەيلى ھاۋادىن ياكى ئىنتېرنېتتىن قانداق ۋاستە ئارقىلىق توسۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىر نەپەر ئاڭلىغۇچىمىز بولسىمۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاشلا خەلقئارالىق ئاخبارات ئۆلچىمىگە لايىق سۈپەتلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈش بىزنىڭ نىشانىمىز،" دېدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ پرېزىدېنتى لىبى ليۇ خانىم، "ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش رادىئومىزدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر ئاڭلىتىش، ئاۋازى بوغۇلغان شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلاشتىن مەھرۇم ئۇيغۇر خەلقىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ھەم ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش،نەقەدەر سۆيۈملۈك بىر خىزمەت، بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىنى ئالاھىدە مەنىگە ئىگە قىلغان، بېيىتقان بىر ۋەزىپە" دېدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلىغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا ئاتاپ مەخسۇس تەبرىك نۇتىقى بەردى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىز كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئۇيغۇرچە رادىئو پروگراممىلىرى ئاڭلىتىلىشقا باشلىغان 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھەم زور ۋەقەلەر ھەققىدە بېرىلگەن ئاخبارات ئۇچۇرلارنى ئەسلەپ ئۆتىمىز.