دىن ئىجتمائىي زۆرۈرىيەتتۇر

مەيلى قانداقلا بىر دىن بولمىسۇن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىنسان بىلەن ھېچبىر دىنغا ئىشەنمەيدىغان ئىنسان ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ جەۋھەرى پەرقلەر بار. دۇنيادىكى ھەرقانداق دىن كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاق، دۇرۇسلۇق، ئادالەتپەرۋەرلىك، راستچىللىق ۋە ۋاپادارلىق قاتارلىق ياخشى ئىشلارغا چاقىرىپ، ئۇلارنى بۇزغۇنچىلىق، ئالدامچىلىق، ۋاپاسىزلىق، شەپقەتسىزلىك قاتارلىق يامان قىلىقلاردىن توسۇش رولىنى ئوينايدۇ.

0:00 / 0:00

رىياللىقتا كۆرۈۋاتىمىزكى، ئىنسانلار دىيانەتلىك كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش، مۇئامىلە قىلىش ۋە ھەر قانداق بىر مۇناسىۋەت قۇرۇشتىن ئىككىلەنمەيدۇ. ئەكسىچە، بىرەر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەردىن ھەزەر قىلىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشىلەرگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ.

پاكىستاندىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئابدۇلكەرىم ھاجىمغا بۇ ھەقتە بىرقانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلكەرىم ھاجىم ئىنسانىيەتنىڭ دىنىي تەلىملەرگە بولغان ئېھتىياجى توغرىلىق مۇنداق دېدى: "ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان بىرەر توغرا دىنغا ئىنتايىن موھتاجدۇر. چۈنكى يەر يۈزىدە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ۋە ئىنسانلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە دىننىڭ كۈچىگە تەڭ كېلەلەيدىغان بىرەر كۈچ يوقتۇر. بۇنىڭدىكى سىر شۇكى: ئىنسان كائىناتتىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق يارىتىلغان ئۇلۇغ بىر مەۋجۇدات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە ئىختىيارى تەسەررۇپاتلىرى، كۆز بىلەن كۆرگىلى، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى ۋە قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان بىر نەرسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئىنساندىكى ئىنسانىي روھتۇر! ئۇ، ۋىجدان ۋە ئەقىدە دەپ ئاتىلىدۇ."

ئىنسانلار ئىچكى دۇنياسىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ

ئابدۇلكەرىم ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: "ئىنسانلار تاشقى دۇنياسىدىن ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنياسىدىن ۋىجدانىدىن باشقۇرۇلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان، ھەقسىزلىككە يول قويمايدىغان، ئادالەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشتا، دۆلەت قانۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى جازادىن، تۈرمىدىن ۋە جەرىمانىدىن قورقۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلار ۋە قورقۇپ تۇرۇپ، ھەق ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغانلار، قانۇننىڭ ئارغامچىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چىقىش يولى تاپقىچىلىك شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار قانۇننىڭ كونتروللۇقىدىن چىققان ھامان، ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ. ئەمما ئاللاھتىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ غەزىپىگە يولۇقۇشتىن قورققان ۋە ئۆز ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغان ھالدا، ھەق ھوقۇقلارنى قوغدايدىغانلار ۋە ھاياتلىقتىكى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تولۇق ئادا قىلىدىغانلار، مەيلى ئاشكارا، مەيلى يوشۇرۇن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ھېچ ۋاقىت ئاللاھنىڭ كونتروللۇقىدىن قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىمانى بولغاچقا، ئۇلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش، جەمئىيەت ئامانلىقىغا بوزغۇنچىلىق قىلش ۋە كىشىلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىدۇ دە، ھەر ئىشتا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي بۇرچلىرىنى ئادا قىلىشىنى ئاۋۋالقى ئورۇندا قويىدۇ."

ئىلىم - پەننى يولىدا ئىشلىتىش ئۈچۇنمۇ ئەخلاق كېرەك

ئابدۇلكەرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، دىنىي تەربىيە بىلەن ئەخلاقنى كۈچەيتمەستىن، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزىلا جەمئىيەتتە ئامانلىق، تۇرمۇشتا باياشات ۋە خاتىرجەملىك يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، دەپ ئويلاش ئىنتايىن خاتادۇر. چۈنكى، ئىلىم پەن ئىككى بىسلىق پىچاققا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئىسلاھ قىلغىلى بولغىنىدەك، بۇزۇۋەتكىلىمۇ بولىدۇ. خۇددى ئىلىم پەن سايىسىدا، دۇنيانى بىر ئاندا تار - مار قىلىۋېتەلەيدىغان ئاتوم بومبىسىنى ياسىغىلى بولغىنىدەك، تۇرمۇشتا كىشىلەرگە ئوڭايلىقلارنى تۇغدۇرۇرپ بېرىدىغان پەن تېخنىكىلارنى، قاتناش قوراللىرىنى ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ياراتقىلىمۇ بولىدۇ. زامانىمىز پەن تېخنىكىسى بۇنىڭغا شاھىتتۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئىلىم پەننى ئۆز يولىدا ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى يولىدا قوللىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يېنىدا ئەخلاقىي جەھەتتىن بىرەر كۈزەتچىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئۇ بولسىمۇ، ئەقىدە ۋە ئىماندۇر. شۇڭا، "ئەخلاق بىلەن دىيانەتكە يۆلەنمىگەن ھەرقانداق ۋەتەنپەرۋەرلىك، خۇددى يېقىلغىلى ئاز قالغان بىناغا ئوخشايدۇ" دەپ توغرا ئېيتىلغان. دېمەك: دىيانەتنىڭ تۇرمۇشتىكى رولى خۇددى يۈرەكنىڭ بەدەندىكى رولىغا ئوخشاشتۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.