ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 21-نۆۋەتلىك يىغىنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلماقتا. 10-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان مەزكۇر يىغىنغا ب د ت غا ئەزا 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا ب د ت دە كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشماقتا. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنى ھەر يىلى ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرى ھەققىدە دوكلاتلار سۇنۇلىدۇ. سۇنۇلغان دوكلاتلار ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىك قارارلار قوبۇل قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئۈستىدىن خەلقئارالىق بېسىم پەيدا قىلىدىغان بۇ يىغىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلمەكتە.
باش شتابى گېرمانىيىدىكى د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى مەسئۇلى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مائىكىل فىلىپس(Micheal Philips) ئەپەندىلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 21-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە، شۇنداقلا خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم ۋە خالىغانچە ئىنسانلار تۇتۇپ قاماشلىرى ھەققىدە دوكلات بەرمەكچى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى مەسئۇلى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 21-نۆۋەتلىك يىغىنى جەريانىدا، يەنى 12-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كېڭىشى تارمىقىدىكى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى ھىمايە قىلىش كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقان. بۇ ئۇچرىشىشلاردا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ماتېرىيالىنى ئۇلارغا سۇنغان ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇرلار 9-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مۇھىم قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشىنى كۈتمەكتە. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن جەنۋەدە بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.