مۇسابىقە ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا باشلىنىپ چۈشتىن كىيىن سائەت 4:00 كېچە داۋاملاشتى. مۇسابىقىگە ئادىلايد، سىدنېي، مېلبۇرىن ۋە پېرىس كوماندىلىرى قاتناشتى. مۇسابىقە تاماشىبىنلارنىڭ مەدەت تىلىگەن ئاۋازلىرى بىلەن ئىنتايىن كەسكىن ۋە جۇشقۇن ھالەتتە داۋاملاشتى.
مېلبورىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنىۋەر ئەپەندى بۇ مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
بۇ، بىزنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى 5 - قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىمىز. بۇنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ بولۇۋاتىدۇ. ئاۋسترالىيىدە بىزنىڭ نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بار. يىللاپ - يىللاپ كۆرۈشەلمەيدۇ، ئەھۋاللىشالمايدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق، ھەر يىلى ياشلارغا نىسبەتەن كۆرۈشىدىغان، تونۇشىدىغان ياخشى بىر پۇرسەت بولۇۋاتىدۇ، دوستلۇقىمىز كۈچىيىۋاتىدۇ. ئەقىدىلىرىمىزنى بىر - بىرىمىزگە يەتكۈزۈۋاتىمىز، ب بىر - بىرىمىزنى چۈشىنىۋاتىمىز، ئىتتىپاقلىق جەھەتتىن ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇۋاتىدۇ. ھېسابتا ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئەنئەنىۋى پائالىيىتىگە ئايلاندى. بۈگۈن پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى كۈنى. خۇدايىم بۇيرۇسا ئەتە بىر كۈن ئوينايمىز. ھەممىمىز ئىنتايىن خۇشال. پۈتكۈل چېدىرلاردىكى بالىلار ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا كېتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ پرىنسىپلىرىمىز كىمنىڭ چېمپىيون بولۇشى مۇھىم ئەمەس پەقەت ئويناش، مەيدانغا چۈشۈش، كۆرۈشۈش، تونۇشۇش.
3 كۈن كەسكىن داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقىدە مېلبۇرىن كوماندىسى بىرىنچىلىككە، پرېس كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، ئادىلايد كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. مېلبورىن كوماندىسى يەنە بىر قېتىم مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. مېلبۇرىن كوماندىسىدىن «ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر» بولۇپ باھالانغان ھەبىبۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىشىمىز، پەقەت ئاددى بىر پۇتبول مۇسابىقىسى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئادىلايدقا كېلىپ ۋەتەن سىرتىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان پۇتبولچىلىرىغا ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى، شان - شۆھرىتى ۋە بۇنىڭدىن كىيىن بىزگە چۈشكەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بىر يەرگە كېلىپ مەسلىھەت، يىغىنلىرىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈۋالدۇق. بۇنىڭدىن كىيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى، كۆلىمىنى، ئادەم سانىمىزنى، ۋەتەنداشلىرىمىزنى كۆپەيتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە بۇنىڭدىن كىيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ۋەتەن سىرتىدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ياۋروپادا، پۈتۈن قىتئەلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە كېلىپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىتى ۋە ۋەتەنداشلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا چوڭ يىغىلىشلار بولۇشىنى ئۈمىد قىلمەن.
ئاۋسترالىيىگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پۇتبول ئويناشقا قىزىقىدىغان ياشلارنىڭ سانىمۇ تەدرىجىي ئاشماقتا. ئۇلار ئىشتىن سىرتقى بوش ۋاقىتلىرىدا مەشىق ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ڭ ئۇيغۇر» دېگەن نامىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرماقتا.

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغافۇر مۆمىن ئەپەندى يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بۇ مۇسابىقىنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك، دوستانە ھالەتتە ياخشى ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 3000 كىلومېتىر يولنى بېسىپ مېڭىپ كەلگەن پېرس كوماندىسىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. سىيدىنى، مېلبۇرىن كوماندىلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت. ئادىلايدتىكى كۈتۈۋالغان ياشلىرىمىزغا، مۇشۇ سورۇننى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا مۇشۇنداق بىرلىك، ئىتتىپاقلىقتا، مۇشۇنداق جۇشقۇن پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كەلگۈسىدە ئىلىپ بېرىشىنى ئاللاھ نېسىپ ئەيلىسۇن! ھەممىڭلارنىڭ قەدىمىڭلارغا رەھمەت.
كېلەر نۆۋەتلىك مۇسابىقە سىيدىنى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 4 شەھەردىكى ماھىرلار بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۆز خەلقىنى، چوڭلارنى ۋە كىچىكلەرنى ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.