ئاتوم بومبىسى سوۋېت-خىتاي دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل (4)

1958-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ يادرو ھەمكارلىقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. سوۋېت ئالىملىرى خىتاينىڭ ئاتوم ساھەسىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئاستا-ئاستا بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى.

0:00 / 0:00

1958-يىلى، 31-ئىيۇل كۈنى خرۇشېۋ بېيجىنغا كېلىپ، ماۋ بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ئەمەلگە ئاشمىدى. نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش تېخنىكىسىنى بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، 1960-يىلى ئۆزىنىڭ بارلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى خىتايدىن ئېلىپ كەتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن رۇس تارىخچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنىڭ داۋامىنى ئاڭلىغايسىلەر