ئاتوم بومبىسى سوۋېت-خىتاي دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل (2)

خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى پىلانى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى تېخنىكىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەم ئەمەلىي ياردەملىرى شۇنىڭدەك بۇنىڭ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك دەۋرىگە كىرىشىدە ئوينىغان رولى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئائىت سىرلارنىڭ بىرىدۇر.

0:00 / 0:00

خىتاي-سوۋېت يادرو ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى بۈگۈنكى رۇسىيە ۋە خىتاي تارىخچىلىرى ھەم ئوقۇرمەنلىرىنى ئىزچىل جەلپ قىلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر تېما بويىچە خىتاي ۋە رۇسىيىدە جۈملىدىن غەرب دۆلەتلىرىدە كۆپلىگەن تەتقىقات، ئاممىباب ۋە ئۇچۇر خاراكتېرلىك ئەمگەكلەر مەيدانغا كەلدى.

رۇسىيە تارىخچىسى ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ موسكۋادا چىقىدىغان "ۋرېميا نوۋوستېي" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان " خرۇشېۋ نېمە ئۈچۈن خىتايغا يادرو بومبىسىنى بەرمىدى؟ ئاتوم مەسىلىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇقىنى قانداق بۇزدى؟ ؟" سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا خرۇشېۋ-ماۋ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدا ئاتوم بومبىسى ئامىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق يورۇتقان ئەسەردۇر. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتايدىكى ھەر خىل توربەتلەر ئۇنى تەرجىمە قىلىپ، كەڭ تارقاتقان.


ماۋ زېدۇڭ ئاتوم بومبىسىغا باشتىلا قىزىققان

ئۇنداقتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ماۋ زېدوڭنىڭ ئاتوم بومبىسى پىلان قانداق تۇغۇلدى؟ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرى باشتىلا ئاتوم بومبىسى ياساشقا قىزىققان بولۇپ، 1949-يىلى، باھاردا خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى فىزىكا ئالىمى چيەن سيەنجاڭنى ياۋروپادا ئېچىلغان دۇنيا تىنچلىقى يىغىنىغا ئەۋەتكەن. كوممۇنىستلارنىڭ مەقسىتى فرانسۇز ئالىمى كىيورى بىلەن كۆرۈشۈپ، كەلگۈسىدە قۇرماقچى بولغان ھازىرقى زامان فىزىكا ئىنستىتۇتى ئۈچۈن ماتېرىياللار توپلاش ۋە ئەسلىھەلەرنى ھەل قىلىش ئىدى.

ئاپتور ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، 1946-يىلى، ماۋ زېدوڭ " ئاتوم بومبىسى ئامېرىكا ئەكسىيەتچىلىرى كىشىلەرنى قورقۇتىدىغان بىر قەغەز يولۋاس. قارىماققا ئۇ قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس." دېيىش ئارقىلىق ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ تۇنجى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رۇس تارىخچىسى ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949-يىلى، 10-ئايدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ قارمىقىدا ھازىرقى زامان فىزىكىسى ئىنستىتۇتى تەسىس قىلغان. مەزكۇر ئىنستىتۇت كېيىنچە ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىنستىتۇتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

ئارقىدىنلا 1953-يىلى، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 26 كىشىلىك بىر ھەيئەتنى موسكۋاغا يادرو تېخنولوگىيىسى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن بولۇپ، س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى ئالېكساندىر نېسمېيانوف سوۋېت ھۆكۈمىتىگە خىتاي ۋەكىللىرىنى ئاتوم ھەققىدە پەقەت ئومۇمىي چۈشەنچە خاراكتېرلىك بىلىملەر بىلەن تەمىنلەشنى تەشەببۇس قىلغان. نەتىجىدە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئاتوم بومبىسى تېخنىكىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولماي قايتىپ كەلگەن.

ماۋ قەتئىي تۈردە خىتاي ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇش كېرەك دېگەن قارارغا كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشنى كېرەك ئىدىۈ زاتەن بۇ ۋاقىتتا بىردىن-بىر سوۋېت ئىتتىپاقىلا خىتايغا يادرو تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشى مۇمكىن بولۇپ، باشقا يادرو دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكا، ئەنگلىيىنىڭ ياردىمىنى ئويلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

خرۇشېۋ ماۋنى ئاتوم پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەن ئىدى

ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 1954-يىلى، ئۆكتەبىردە خرۇشېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا ماۋ زېدوڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خرۇشېۋتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق، خرۇشېۋ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ۋەدە بەرمىگەن ھەمدە ئەكسىچە، ماۋنى ئاتوم پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىپ، "ئاتوم بومبىسى ياساش ئۈچۈن زور مىقداردا ئىقتىسادىي چىقىم سەرپ قىلىنىدىغانلىقى"، خىتاينىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك سانائەت ھەم ئىقتىسادىي كۈچى يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن.

مانا بۇ ماۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئاتوم بومبىسى ياساشقا ياردەم بېرىشنى رەسمىي يوسۇندا سورىشى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنىپ، تاماكىسىنى ئېغىر بىر شوراپ جىم بولغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا بىرلىكتە ئۇران ئىزدەش

ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ يېزىشىچە، بىراق، خرۇشېۋنىڭ ماۋنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشىغا قارىماي، 1955-يىلى، 20-يانۋار كۈنى خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلىكتە ئۇران كانلىرىنى تېپىش ۋە ئېچىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىم بويىچە خىتاي تاپقان ئۇرانلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش بېكىتىلدى. خىتاي-سوۋېت گېئولوگلىرى بىرلىكتە شىنجاڭدىن ھەمدە پۈتۈن خىتاي بويىچە كەم ئۇچرايدىغان ۋە رەڭلىك مېتاللارنى جۈملىدىن ئۇران مەنبەلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خىتايدا ئاتوم خام ئەشيالىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆچەك رايونىدىكى ئۇران كېنىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بىلىندى.