ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىختىلاپى يەنىلا يېشىلمىدى

ئامېرىكا پرېزىدنتى باراك ئوباما چارشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەرقىي ئاسىيا سەپىرىنىڭ كېيىنكى بېكىتى جەنۇبىي كورىيەگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. تەرەپلەر ئوبامانىڭ خىتاي سەپىرىنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا ئوخشىمىغان پىكىرلەردە بولۇشماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي تەرەپ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئامېرىكا تەرەپ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي سەپىرىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، لېكىن ئارىدىكى بەزى نېگىزلىك ئىختىلاپلارنىڭ يەنىلا ھەل بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە تەرەپلەر ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغان نېگىزلىك ئىختىلاپلارنىڭ بىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ سەپىرى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان مەسىلىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى نېگىزلىك مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلارنىڭ يەنىلا ھەل بولمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى روبېرت گىبس بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا خىتاي بىلەن بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلارنىڭ يەنىلا ھەل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى مايكىل فرومان بولسا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور ئۇتۇقلىرىنىڭ بىرى، خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە ۋە ھاۋا كلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئائىت 7 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىدا، دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىختىلاپلارنىڭ بىرىدۇر. پرېزىدېنت ئوباما خىتايدىكى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئىنتېرنەت - ئۇچۇر ئەركىنلىكى، مىللىي ۋە دىنىي ئاز سانلىقلار ھوقۇقىنى قوغداش، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىگەن ئىدى. ئوباما چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خەلق سارىيىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا "مەن رەئىسى خۇ بىلەن ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن ئىنسانلاردا ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇش ھەققى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى سۆزلەشتىم،" دەيدۇ.

يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يالغۇز ئامېرىكىغا خاس بولغان ئۇقۇم ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ئوباما، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پۈتۈن خەلقلەرگە ئورتاق بولغان ئومۇمى قىممەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ، "بىز بۇ پرىنسىپنىڭ يالغۇز ئامېرىكىغىلا خاس بولغان پرىنسىپ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز. بىز بۇ پرىنسىپنى پۈتۈن خەلقلەرگە جۈملىدىن مىللى ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا ئورتاق بولۇشى كېرەك بولغان ئومۇمى قىممەت، دەپ قارايمىز،" دەپ تەكىتلىگەن.

ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمىيەتنى رايونغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشكە چاقىرىپ، 5- ئىيۇل ۋەقەسى دە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوپ، ئوبامانىڭ بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنىڭ ئۆزلىرىدە ئۈمىدسىزلىك ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئاق سارايدىكى ئەمەلدارلار ئوبامانىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي رەھبەرلىرىنى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىگەنلىكى، دالاي لامانىڭ بىر دىنىي داھى ئىكەنلىكى، ئۇنى مەڭگۈ رەت قىلىۋەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ۋاقتى كەلسە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئوباما خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينى سۆھبەتكە چاقىرىپ، " بىز تىبەتنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن بالدۇرراق سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ۋە ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشىنى قوللايدۇ،" دېگەن.

پرېزىدېنت ئوباما بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاشكارە تىلغا ئالمىدى. لېكىن خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ ئوباما بىلەن ئۆتكۈزگەن رەسمى سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكا زېمىنىدا خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەشكە ئۈندىگەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئالىم سېيتوپ ئەپەندى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ تەلىپىنى تەنقىد قىلدى.

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا مۇئاۋىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خې يافېي خۇ جىنتاۋنىڭ ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكىنىڭ " تىبەت مۇستەقىلچىلىرى" ۋە "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى"نىڭ ئامېرىكىنى بازا قىلىپ، جۇڭگوغا قارشى "بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەر" بىلەن شۇغۇللىنىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خې يافېينىڭ سۆزى ئامېرىكىدا ئاكتىپ پائالىيەتتىكى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر ۋە تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاماغا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پرېزىدېنت ئوباما خىتايدىكى مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ تەكىتلىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى تور ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىدۇر. ئۇ، ئۇچۇر ۋە تور ئالاقىسى چەكلەنمەسلىكى ياكى تېزگىنلەنمسلىكى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى تور ئالاقىسىنىڭ راۋان بولۇشى يالغۇز ئاۋام خەلقنى مەنپەئەتدار قىلىپلا قالماي ھاكىمىيەت سورىغۇچىلارنى مەنپەئەتدار قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئوباما ئۇچۇر ۋە تور ئەركىنلىكىنى تەكىتلىگەن بۇ ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان تور ۋە ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانغا 5 ئاي بولاي، دەپ قالغان مەزگىللەر ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئالىم سېيتوپ ئامېرىكىنىڭ يالغۇز سودىغا ئېتىۋار بېرىپلا قالماي كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلىشىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئامېرىكا ئىقتىسادى كرىزىس سەۋەبى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ، بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدىكى بېسىم كۈچىنى مەلۇم دائىرىدە چەكلەپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لېكىن، پرېزىدېنت ئوباما خۇ جىنتاۋنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئامېرىكا بىلەن ئۈزلۈكسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغانلىقىنى، تەرەپلەرنىڭ كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئالغا سۈرۈشكە قوشۇلدى. تەرەپلەر كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى."