بۇ قېتىمقى ئىگىلىشىمىزدە،
[ ئابدۇرېھىم موللەكOpens in new window ]
قاتارلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋالغۇچىلارنىڭ، گەنسۇدا ئاپەتكە ئۇچراپ ئاقسۇغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك ئاكىنىڭ بېيجىڭدىن يۇرتىغا قايتۇرۇلغىنىغا بۈگۈن 5 كۈن بولدى. بىز ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئونسۇ ناھىيىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، ئابدۇرېھىم موللەك ئاكىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز ناھىيىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى راخمان ئابلا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتى بىلەن ئالاقىلىشالمىغىنىمىز ئۈچۈن، ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكىنىڭ راست ياكى يالغانلىقى ئايدىڭلاشمىدى. بىزنىڭ بۈگۈنكى ئىگىلىشىمىزدە، ئابدۇرېھىم موللەك قاتارلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋالغانلارنىڭ، گەنسۇدا ئاپەتكە ئۇچراپ، ئۇيغۇر ئېلىغا يەرلەشتۈرگەن كۆچمەن خىتايلاردىن ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مەتبۇئات ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپەت رايونىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوللانماقتا؛ بۇنىڭ ئىچىدە، زور مىقداردا ئۆسۈمسىز ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش شۇنداقلا يەنە يەر ھەققى ۋە باج ئالماسلىق قاتارلىق تەدبىرلەرمۇ بار.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىۋاتقان يۆلەش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، يېزىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىلغۇ يەر ۋە ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.