5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر يېڭى سىن خاتىرىسى ھەققىدە

"5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگىنىگە 5 ئاي بولدى. گەرچە ۋەقەنىڭ سەۋەب - نەتىجىلىرى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلىي جەريانى خەلقئاراغا بىلىنىشتە يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. بولۇپمۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تەپسىلاتلار چەكلەنمەكتە.

0:00 / 0:00

نامايىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ ۋە نامايىشتا توۋلانغان شوئارلارنى ھازىرغا قەدەر خىتاي خەۋەر قىلغىنى يوق. بۈگۈن رادىئومىز ئېرىشكەن بىر سىن (ۋىدىئو) خاتىرىسىدە بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن.

كۆرۈنۈشتە نامايىشچىلارنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، شاۋگۇەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى، ۋە بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشى قاتارلىق ئادالەتسىزلەرگە قارىتا نارازىلىقى ئىپادىلەنگەن.

بۇ سىن خاتىرىسىدا زەپەر بىناسى، Tian gong guo yüen شىركىتى، ئەنجۈر تاماقخانىسى، پەرھات - شېرىن ھۆسن تۈزەش ئورنى قاتارلىق ۋىۋىسكىلار كۆرۈنۈدۇ. بۇ نامايىشنىڭ رابىيە قادىر سودا - سارىيى بىلەن جەنۇبى قوۋۇق يەنى نەنمېن ئارىسىدىكى بىر پارچىسى ئىكەنلىكى مەلۇم.

كۆرۈنۈشلەردە نامايىشچىلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق نەرسە يوقلۇقى، پەقەت مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ شوئار توۋلاۋاتقانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى قورشاۋغا ئېلىپ تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قارىتا نامايىشچىلارنىڭ "قويۇۋەتسۇن" دەپ شۇئار توۋلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

كۆرۈنۈشلەردىن بىرىدە، ياش بىر ئايالنىڭ ھوشىدىن كەتكەن ھالىتى ۋە ئۇنى باشقىلارنىڭ قۇتقۇزۇۋاتقانلىقى ۋە ئەتراپتا قېچىش ۋە پاتىپاراقچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ.

كۆرۈنۈش ۋە ئاۋازلاردىن قارىغاندا، بۇ نامايىشنىڭ جىددىي تەھدىت ئاستىدا، ئەمما تىنچلىق شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقان بىر قىسمىدۇر. شۇنداقلا بۇ يەنە، خىتاي ئاخباراتىدا ئۇچرىتىش مۇمكىن بولمايۋاتقان پارچىلاردۇر.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى تېلېفون يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىش، ئىنتېرنېتنى كېسىۋېتىش، نامايىشقا ئائىت ئۈن - سىن خاتىرىلىرىنى يىغىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تاشقى دۇنياغا توغرا ۋە تولۇق ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى توسماقتا.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىنى كېيىنكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز تۈرلۈك يوللار بىلەن ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ پروگراممىمىزدا، نامەلۇم بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن سىن خاتىرىسىدىكى مەلۇماتلارنى سىلەرگە سۇندۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.