تايلاند ئادىل پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى كانناۋى سۇبسۇئىڭ 24-مارت تايلاند پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىدە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئاللىبۇرۇن ئېلىپ بولغان قارارنى مەتبۇئات ۋە جامائەتلەردىن يوشۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
تايلاند دۇنيا خەۋەر تورىنىڭ 25-مارت ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كانناۋى تايلاندنىڭ بۇ قايتۇرۇش قارارىنىڭ "دۆلەتنى چوڭ تەڭقىسلىقتا قويغانلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇ ئىشتىن پايدىلىنىپ تايلاندقا سودا ۋە تاموژنا بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل بېسىملارنى ئىشلىتىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ باش مىنىستىر پېتوڭتارىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنىڭ بىر كىنو قىلىپ ئىشلىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى، باش مىنىستىر، ئەدلىيە، مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ باش رول ئېلىشى، ھەمدە كىنوغا «73 كۈنلۈك يالغانچىلىق» دەپ ئىسىم قويۇش كېرەكلىكىنى دېگەن.
كانناۋى يەنە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پۇمتام ۋېچاياچاينىڭ، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش قارارى ئېلىنىپ بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە ئاخبارات ۋە تەشكىلاتلارغا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەپ تۇتمايدىغانلىقىدەك يالغان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، «سىز نۇرغۇن قېتىم تەرەپ تۇتۇپ كەلگەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟ ئەمما بۇ قېتىم سىز خاتا تەرەپنى تاللىدىڭىز» دېگەن.
خەۋەردە يېزىلىشىچە، بۇ يىغىن جەريانىدا ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋى سودسوڭمۇ سۆزلەپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاندقا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەنلىكىنى ۋە خىتايغا قايتىشنى ئۆزلىرى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق پاناھلىق تەلەپ قىلغان پاكىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنى قايتۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
ئاخىرىدا مۇئاۋىن باش مىنىستېر پۇمتام ۋېچاياچاي سۆز قىلىپ، كانناۋىنى دۆلەت باشقۇرۇشتا تەجرىبىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن چىقىرىلغان قارارلارنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مۇخبىرلارنى باشلاپ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى دېگەن.
تايلاندقا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتتە 10 نەچچە يىلدىن بېرى تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تايلاند ئۇلاردىن 109 نەپىرىنى 2014-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ۋە خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. قالغان 48 نەپەردىن 40 نەپىرى 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇلغان ۋە تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ قايتۇرۇشنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتقان. ئۇلار گەرچە بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3-بىر دۆلەت چىقمىدى دەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نەچچە يىللار بۇرۇنلا بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش تەلىپىنى سۇنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئامېرىكا تايلاندنىڭ بۇ قايتۇرۇش قارارىنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ دەپ ئەيىبلەپ، بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك تايلاند ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.