تايلاند ھۆكۈمەت ئەمەلدارى سوتتا مەزكۇر دۆلەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن

تايلاند سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى خىتايغا قايتۇرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئاخىرقى سوتنى ئاچقان بولۇپ، بۇ سوتتا ئىسپات بەرگەن تايلاند ساقچى ئەمەلدارى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتتە پۈتۈنلەي يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ دۆلەتتە ئاز دېگەندە يەنە 5 ئۇيغۇرنىڭ قاماق ۋە تۈرمىدە بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا قاراشلىق بېنار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تايلاند پايتەختى بانكوكتا 27-مارت ئېچىلغان سوتتا، تايلاند ساقچى ئەمەلدارى پالكونىك ۋاتچاراپون كانچاناكان «40 ئۇيغۇر خىتايغا ئەۋەتىلدى. ئۈچى ئۆلدى. بىرى 2018-يىلى، يەنە ئىككىسى 2023-يىلى. ھازىر كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا بىرمۇ ئۇيغۇر قالمىدى» دېگەن.

يېقىنقى دوكلاتلاردا تايلاندا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 48 دەپ ئېيتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 40ى 27-فېۋرال كۈنى خىتايغا قايتۇرىلغان. يەنە 5ى ئىلگىرى قاماقتىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ كېسىلگەن ئىكەن.

بانكوكتىكى خەلقنى كۈچلەندۈرۈش فوندىنىڭ مۇدىرى چالىدا تاچاروئېنسۇكنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ھازىرچە يەنە 7 ئۇيغۇرنىڭ تايلاند تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 5ىنىڭ 2020-يىلى يانۋاردا مۇكداخان كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقىدىن كلوڭ پرېم تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى، يەنە 2سىنىڭ بولسا 2015-يىلدىكى ئىبادەتخانىنىڭ پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق بولغان گۇماندارلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

تايلاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلگەن چالىدانىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلەپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەر ئايدا كېلىپ ئۇلارنىڭ سانىنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويغان. ھۆكۈمەت ھەتتا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلار بىلەن مۇۋاپىق قانۇنىي مەسلىھەت ئېلىشىنىمۇ چەكلىگەن.

پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان بۇ سوتتا، سوتچى ئىلگىرى 43 ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىلتىماسنى «ھەممە ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرىلدى» دەپ رەت قىلغان. بۇ قېتىمقى سوت تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا سولانغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يېقىندا ئېچىلغان 3-جى سوت بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇلارنىڭ بۇ سوتتا ئاقلىنىپ چىقىپ 3-بىر دۆلەتكە يۆتكىلىپ كېتىدىغانلىقىغا زور تىلەكداش ئىدى. ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتى 27-فېۋرال كۈنى خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قارىماي 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى.