تايلاندتىن قايتۇرۇلغان خىتاي پۇقرالىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلار يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00

بېرما (ميانمار) نىڭ شەرقىدىكى تور ئالدامچىلىق مەركەزلىرىدە ئىشلەيدىغان مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسىنى ئايروپىلاندا خىتايغا قايتۇرۇش ھەرىكىتى 20-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى رەسمىي باشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند، خىتاي ۋە بىرمانىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتتە، بىرمادىكى تور ئالدامچىلىق مەركەزلىرىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تايلاندقا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيەردىن ئايروپىلاندا خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ دېلوسىغا ئارىلىشىۋاتقان تەرەپلەردە قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلغان. بولۇپمۇ تايلاند بىلەن خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نارازىلىق ئەرزى تېخىچە تايلاند سوت مەھكىمىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتاي پۇقرالىرىغا قوشۇپ يولغا سېلىۋېتىشى ئەندىشە قىلىنماقتا. بولۇپمۇ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ليۇ جوڭيىنىڭ 19-فېۋرال تايلاندقا كېلىپ، تايلاند دۆلەت مۇداپىئە، ئەدلىيە ۋە ساقچى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈشى، ئارقىدىنلا 20-فېۋرال خىتاي پۇقرالىرىنى قايتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كەڭ تارقالغان «كۆپ تەرەپلىمە ئىشەنچلىك مەنبەلەر تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن، دەپ قارايدۇ» دېگەندەك ئۇچۇرلار بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان تايلاند پارلامېنت ئەزاسى كانناۋې سېۇبساڭ (Kannawee Suebsang) 20-فېۋرال X تا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ قايتۇرۇپ كېتىشى مۇمكىنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى «سۆز-چۆچەك» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، «ئەگەر بۇ ئاساسسىز بولسا بۇنداق سۆز-چۆچەك تارقالمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان. لېكىن تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىشىغا يېقىندىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «خەلقلەر ھوقۇقىنى كۈچەيتىش فوندى» نىڭ دىرېكتورى چالىدا تاجارونسۇك، ئۇيغۇرلارغا بولغان خەۋپ يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما 20-فېۋرال قايتۇرۇلغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. چالىدا تاجارونسۇك مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ (كۆچمەنلەر مەركىزى) ئىچىدىكى بىر دوستمىز بىزگە تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. دائىرىلەرنىڭ ماڭا ئېيتىشىچە ئۇلار كېلەر ھەپتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. دائىرىلەرمۇ ماڭا ئۇلارنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋاتىدۇ. لېكىن مەن ئەگەر ئۇلار سالامەت بولسا ئۇنداقتا بىزنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى نازارەت قىلىشىمىزغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇلار بۈگۈن ھېچقانداق ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمىغانلىقىنى تەھقىقلىدى.»

چالىدا تاجارونسۇكنىڭ ئېيتىشىچە، 20-فېۋرال تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تاراتقۇلارغا خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان. چالىدا تاجارونسۇك مۇنداق دەيدۇ: «مۇئاۋىن باش مىنىستىرمۇ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاخباراتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئايروپىلاندا ئۇيغۇرلارنىڭ يوقلۇقىنى دەلىللىدى. نۆۋەتتە، 600 دەك خىتاي پۇقراسى خىتايغا قايتۇرۇلىدىكەن. بۈگۈن ئۇچقان ئايروپىلاندا 50 كىشى بار. ئەتە، ئۇلار يەنە 200 خىتاي پۇقراسىنى خىتايغا يوللايدىكەن. بۇ ئۈچ كۈنلۈك ھەرىكەت بولۇپ، بىرەر ئۇيغۇرنىڭ يوللانغانلىقى دەلىللەنمىدى.»

نۆۋەتتە بىرمانىڭ تايلاند بىلەن چېگرالىنىدىغان جايلىرى بەزى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دۇنياۋى تور ئالدامچىلىق قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بازىسىغا ئايلىنىپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش تايلاند باش مىنىستىرى شىناۋاترانىڭ فېۋرالنىڭ باشلىرىدىكى خىتاي زىيارىتىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى بولغان. زىيارەتتە شىناۋاترا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭغا تايلاندنىڭ ئالدامچىلىق تورىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا، تايلاند تەرەپ بېرما چېگراسى ئىچىدىكى تور ئالدامچىلىق مەركەزلىرىنى توك، ئىنتېرنېت ۋە گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) نىڭ 20-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي كەلگۈسى تۆت كۈن ئىچىدە، 16 نۆۋەتچى ئايروپىلان چىقىرىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى توشۇيدىكەن. خەۋەردە، بۇ تۆت كۈندە 1041 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ يوللىنىدىغانلىقى، تايلاند ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ بۇ كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ ھەم رەسمىيىتىنى بېجىرىپ ئېلىپ كېتىشىگە يول قويغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. بىز 20-فېۋرال ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن چۇچارت كانپاي ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرى قاتارىدا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دائىر ئۇچۇرلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئەمما ئۇلار ئۈچۈن يەنىلا خەۋپنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، تايلاند، بېنگال ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇساپىرلار ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «ھوقۇقنى مۇستەھكەملەش تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى جون كيۇنلېي (John Qiunley) تايلاند سوتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشى ئىجابىي تەرەققىيات بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارىماقتا.

جون كيۇنلېي 20-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سوتنىڭ سەيشەنبە كۈنى بۇ دېلوغا قاراپ چىقىشى ۋە بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلىشى ئىجابىي بېشارەتتەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ ھال ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن خالى بولدى، دېگەنلىك ئەمەس. تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى يەنىلا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋپى مەۋجۇت.» جون كيۇنلېينىڭ كۆرسىتىشىچە، «نۆۋەتتە ئادۋوكاتلار، شۇنداقلا ‹ھوقۇقنى مۇستەھكەملەش تەشكىلاتى› غا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ۋەزىيەتنى ھوشيارلىق بىلەن كۆزەتمەكتە» ئىكەن.

تايلاندنىڭ جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 18-فېۋرال ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ نارازىلىق ئەرزى ئۈستىدىن 2-قېتىملىق سوت ئېچىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەرزىنىڭ ھەقلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنى كېلەر ئايدا سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ، بۇ ئۇيغۇرلار چېگرادىن قانۇنسىز كىرىشنىڭ جازاسىنى ئۆتەپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئون نەچچە يىلدىن بېرى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى بۇيرۇغان ئىدى. جون كيۇنلېي تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇش نىيىتىدە بولماسلىقىنى، ئۇنىڭ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغدىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ.

جون كيۇنلېي مۇنداق دەيدۇ: «تايلاند ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ باققان. شۇڭا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت. ئەلۋەتتە، ئۇلار قايتۇرۇلسا جازالىنىدۇ. چۈنكى، خىتايدا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنماقتا.› تايلاند كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش نىيىتىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك. ئۇلار ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغدىشى كېرەك.»

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 20-فېۋرال مۇخبىرلارغا بېرمىدىكى تور ئالدامچىلىق مەركەزلىرىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ 50 كىشىلىك گۇرۇپپا بويىچە بېرمىدىن تايلاندنىڭ بېرما چېگراسىدىكى مېسوت شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، بۇ يەردە تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئاپتوبۇستا مېسوت ئايرودۇرۇمىغا يوللانغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەرلەردە، بۇ كىشىلەرنىڭ «جەنۇبىي خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتى» نىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىدا يۈننەنگە ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.