ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ھەرىكىتى تايلاندنىڭ قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشىنى توختىتىپ قالالامدۇ؟

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) ئۆتكەن جۈمە كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بولغان، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياكى ۋەزىپىدىن ئايرىلغان تايلاند ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ياۋروپا پارلامېنتى مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشىدا قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى. قارار لايىھەسىدە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىنىڭ تايلاندتا قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىشى تەلەپ قىلىنغان. قارار لايىھەسىدە يەنە ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ تايلاند بىلەن بولغان ئەركىن سودا سۆھبىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا بېسىم قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ، ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشتا رول ئوينىغان چەتئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىشىدۇر. نۆۋەتتە، ئامېرىكا ۋىزا ئېمبارگوسىنىڭ تايلاند بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ باشقا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ نىشان قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ماركو رۇبىيونىڭ تەكىتلىشىچە، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قوغدىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئۇيغۇر ياكى باشقا ئېتنىك، دىنىي گۇرۇپپىلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بولغان ياكى ئۇنىڭغا شېرىك بولغان چەتئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇلىدىكەن، شۇنىڭدەك بۇ كىشىلەرنىڭ بەزى ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئېمبارگو ئوبيېكتى بولىدىكەن». ھالبۇكى، ئامېرىكانىڭ ۋىزا ئېمبارگوسى تايلاندتەك دۆلەتلەر ئۈچۈن، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ بەدىلى بولىدىغانلىقى، خىتاينىڭ بېسىمىغا قارشى تەڭپۇڭلۇق شەكىللەندۈرىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا پارلامېنتى قارار لايىھەسىنىڭ قانچىلىك تەسىرى بولۇشى يەنىلا ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ بۇنى قانچىلىك نەزەردە تۇتۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلەر لېكتورى، ئۇيغۇرشۇناس، «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى رائىن تۇم (Rian Thum) نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكانىڭ جازاسى مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرمەكتە ئىكەن. رائىن تۇم مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ بېرىدىغان ئېنىق سىگنالى شۇكى، ئامېرىكا مۇساپىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەرگە بەدەل تۆلەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بەلكىم، بۇ خىتايدىن كېلىۋاتقان بېسىمغا قارشى تەڭپۇڭلۇق شەكىللەندۈرىدۇ.»

رائىن تۇم، ئامېرىكانىڭ جازاسى 3-دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنىڭ بەدىلى بولغىنىدەك، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭمۇ بەدىلى بولىدىغانلىقى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە كېلەچەكنى مۆلچەرلەش ئىنتايىن مۈشكۈل بولسىمۇ، ئەمما ئېمبارگو تايلاندتا قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. رائىن تۇم مۇنداق دەيدۇ: « كەلگۈسىنى مۆلچەرلەش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئېمبارگو قېلىپ قالغان 8 ئۇيغۇرنى قوغداش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

ھالبۇكى، ماركو رۇبىيونىڭ 14-مارت كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇر ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرىمىز» دېيىلگەن.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) ، ئامېرىكانىڭ ۋىزا ئېمبارگوسىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش نىيىتىدىكى ھۆكۈمەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ھېنرىك شاجىۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: «(ئامېرىكا) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تايلاند ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇشى بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر تەدبىر. بۇ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماقچى بولغان ھۆكۈمەتلەرگە بېرىلگەن سىگنالدۇر. ئەلۋەتتە، ئېمبارگو بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى چەكلەش پىكىرىدۇر.» لېكىن ھېنرىك شاجىۋىسكىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئېمبارگوسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغداشتا يوشۇرۇن كۈچى بولسىمۇ، ئەمما تايلاندتىكى قېپ قالغان ئۇيغۇرلار يەنىلا تەھدىت ئاستىدا تۇرماقتا ئىكەن. ھېنرىك شاجىۋىسكى 14-مارت بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا شۇ ئاندىكى پەيتتە مۇشۇنچىلىك قىلالايدۇ، دەپ قارايمەن. مەن ئېمبارگونىڭ بۇ شەخسلەرنى قوغداشتا يوشۇرۇن كۈچى بار دەپ ئويلىساممۇ، ئەمما بۇ شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.» ھېنرىك شاجىۋىسكىنىڭ قەيت قىلىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ تەھدىتنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكتە ئىكەن.

ھالبۇكى، تايلاند ھۆكۈمىتى مەيلى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارار لايىھەسى بولسۇن ياكى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو سىياسىتى بولسۇن، تايلاندقا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. باڭكوك ھۆكۈمىتى تايلاندنىڭ «ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت ئاساسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەم يېقىن ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىنامىسى» غا قىممەت بېرىدىغانلىقىنى، ياۋروپا پارلامېنتى چىقارغان قارار لايىھەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى-تايلاند ئەركىن سودا سۆھبىتىگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ سودا كېلىشىمىنى پات يېقىندا ئىمزالاشقا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى (Angin Eroglu) ئەنگىن ئەرئوغلۇ 18-مارت مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا، تايلاندنىڭ ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇپ يېتىشى ۋە ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ تايلاندنى خەلقئارا پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ بەدىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەنگىن ئەرئوغلۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تايلاندنىڭ ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تايلاند بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى سۆزلىشىشىنى كۈتىمەن. خەلقئارا پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلىش جازاسىز قالماسلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنى تايلاندقا ئېنىق ئېيتىشى كېرەك». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگىن ئەرئوغلۇ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قايىل ئەمەسلىكىنى، «ئۇيغۇرلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش پۇرسىتىنى قەستەن قاچۇرۇپ قويغانلىقى» نى تەكىتلىمەكتە.

ھالبۇكى، گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى دىرېكتورى، ئادۋوكات ھاننو شەدلېر (Hanno Schadler) ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ تايلاند بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىنى تايلاندتا قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن باغلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ھاننو شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا كومىسسىيەسى چوقۇم تايلاندقا ئۇنىڭ بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشى تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشتەك خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىقى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىشى كېرەك». ھاننو شەدلېرنىڭ قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى سىياسىيونلار سودا سۆھبىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى ئايرىش تەرەپدارى بولسىمۇ، ئەمما بۇ قارار لايىھەسى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. ھاننو شەدلېر: «بىزنىڭ قىياسىمىزچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى سىياسىيونلار سودا سۆھبىتىنى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئايرىماقچى بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ماقۇللانغان قارار لايىھەسى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2020-يىلى ماقۇللانغان ئومۇميۈزلۈك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى ھەم بۇ مەسىلىنى ئۇنىڭدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشىنىڭ «تايلاند-خىتاي قانۇنلىرىغا، خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدىلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقى» نى بىلدۈرمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز گىراژدانلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيىتى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، نورمال ھاياتقا قايتىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. نۆۋەتتە، تايلاندنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، 18-مارتتىن 20-مارتقىچە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولىدۇ. تايلاند دائىرىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما بۇ زىيارەت پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» غا يارايدىغانلىقى، تايلاندنىڭ بۇ تەشۋىقاتنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.