تايلاند سوت مەھكىمىسى 18-فېۋرال كۈنى ئون نەچچە يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن سۇنغان ئەرزى ئۈستىدىن 2-قېتىملىق سوت ئېچىپ، ئەرزدارلارنىڭ ھەقلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقى، تايلاند كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ كېلەر قېتىملىق سوتتا، ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن قويۇپ بەرمەي ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى بۇيرۇغان. تايلاند پايتەختى باڭكوكنىڭ جەنۇبىي باڭكوك سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە يەنى 14-فېۋرال جۈمە كۈنى تايلاندتتا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن سۇنغان ئەرزى ھەققىدە تۇنجى قېتىملىق سوت ئېچىپ، سوتنىڭ كېيىنكى ھەپتىدە، يەنى 18-فېۋرال كۈنى قايتا ئېچىلىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. ئۆتكەن ھەپتىدىكى تۇنجى قېتىملىق سوتتا، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كامپاي (Chuchart Kanpay)، ئەرزدارلارنىڭ ۋاكالەتچىسى، ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى بەختىيار بۆرە، شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى سوتتا مۇنازىرە ياكى گۇۋاھلىق بېرىش بولمىغان. سوتچى پەقەت كېلەر قېتىملىق سوتنىڭ بۇ يىل 27-مارتتا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ قارمىقىدىكى «بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا مۇنداق دېيىلگەن: «سوت ئەرزدارلارنىڭ شاھىتلىرىنى تىڭشىغاندىن كېيىن، ئەرزدە ھەقلىق تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، شۇنداقلا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلىنىڭ 27-مارتتا سوت مەھكىمىسىگە چىقىشىنى بۇيرۇق قىلدى. »
ئەرزدارلارنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي شۇ كۈنى «بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سوتنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشتا قانۇنسىزلىق بارلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى ئېيتقان. چۇچارت كانپاي مۇنداق دېگەن: «سوت بۇ تۇتقۇندا يوشۇرۇن بىر قانۇنسىزلىق بارلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. سوت بۇ 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش جازاسىنى چېكىشىدىن كېيىنمۇ، نېمە ئۈچۈن داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. ئەگەر سوت تۇتۇپ تۇرۇشتا بىرەر قانۇنسىزلىق بايقىسا، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇشى ياكى 3-بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشقىچە باشقا ئورگانلارنىڭ ۋاقىتلىق كاپالەتلىك قىلىشىغا يول قويۇشى مۇمكىن.»
43 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ ۋاكالەتچىسى بەختىيار بۆرە ئەپەندى بۇ قېتىملىق سوتتا ھازىر بولغان شاھىتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، 18-فېۋرال بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوتچى 27-مارت كۈنى تايلاند كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ 43 نەپەر ئۇيغۇرنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ تايلاند قانۇنى بويىچە ھەقلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە قارار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىملىق سوت بەختىيار بۆرىنىڭ 43 ئۇيغۇرغا ۋاكالىتەن باڭكوكتىكى بىر ئادۋوكاتلار مەركىزى ئارقىلىق تايلاند سوتىغا سۇنغان ئەرزىگە بىنائەن ئېچىلماقتا. بەختىيار بۆرىنىڭ قارىشىچە، سوتنىڭ قارارى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ «ئەركىنلىككە چىقىشىغا بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقى» نى كۆرسەتمەكتىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 18-فېۋرال كۈنىدىكى 2-قېتىملىق سوتتىمۇ، ئەرزدارلاردىن 43 ئۇيغۇر تۇتقۇنى سوتقا چىقمىغان. تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «خەلقلەر ھوقۇقنى كۈچەيتىش تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى چالىدا تاجارونسۇك، سوتنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، لېكىن سوتنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى سوتقا تەكلىپ قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. چالىدا تاجارونسۇك 18-فېۋرال «بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «سوتنىڭ ئەرزنى ھەقلىق، دەپ قارىشى ۋە تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئۇنىڭ شاپائىتىنى كۆرسىتىدۇ. كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ چۈشەنچە بېرىشى ياخشى ئىش. بىز بىر ئاممىۋى تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سوتنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىمۇ تەكلىپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئېلىشىنى كۈتىمىز. »
لېكىن تاجارونسۇكنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ يەنىلا خىتاينىڭ بېسىمىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. چالىدا تاجارونسۇك: «بىزنىڭ ئاساسلىق ئەندىشىمىز سىياسىي ئارىلىشىش، بولۇپمۇ خىتاينىڭ بۇ دېلوغا بولغان تەسىرىدۇر. ئەگەر ئۇلار 3-بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ھەممە ئىش تىنچلىق بىلەن ھەل بولغان بولاتتى.»
لېكىن بەختىيار بۆرە، 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى سوتنىڭ ئىجابىي قارار چىقىرىشىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقى، چۈنكى ئادۋوكاتلار ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇش تايلاند قانۇنلىرىغا خىلاپ، دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ 1-قېتىملىق سوتتا باڭكوكتىكى 11 دەك غەرب ئەلچىخانىسىنىڭ 20 دەك دىپلوماتىنىڭ ھازىر بولۇشى سوتنىڭ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىغا «ياخشى تەسىرى» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
نۆۋەتتە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىلىرىنىڭ سانى 48 نەپەر بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق سوتنىڭ بۇرۇن تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قېچىپ قايتا تۇتۇلۇپ قالغان تۈرمىدىكى بەش نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقى مەلۇم. بۇ 48 ئۇيغۇر ئىلگىرى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىقىپ، تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. 2015-يىلى بۇ ئۇيغۇرلاردىن بالىلار ۋە ئاياللارنى ئاساس قىلغان 179 نەپىرىنى تۈركىيە قوبۇل قىلغان. تايلاند ئۇلاردىن 109 نەپىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ھالبۇكى، 14-فېۋرال كۈنىدىكى 1-قېتىملىق سوتتا، مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە گۇۋاھلىق بەرگەن تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما 18-فېۋرال مۇخبىرىمىزغا بەرگەن تايلاند سوتىنىڭ قارارىغا ئائىت يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر تايلاند سوتىنىڭ (IDC) سۇئان پلۇ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى 43 نەپەر تۇتقۇننىڭ سوتتا تولۇق ۋە تەرەپسىز ھالدا گۇۋاھلىق بېرىشىگە يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. مەن خىتاينىڭ بېسىمى ۋە يۇقىرىنىڭ چىقارغان بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇش قارارىغا قارىماي، تايلاندنىڭ خەلقئارا ۋە تايلاند قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشى ۋە بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»