ياۋروپا پارلامېنتى تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىغا قارشى قارار لايىھەسى ماقۇللىدى

0:00 / 0:00

تايلاند ھۆكۈمىتى تايلاند تۈرمىسىدىكى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.

12-مارت كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ستراسبۇرگدىكى مەركىزىدە «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندتىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ لېسې-ماجېستا قانۇنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا دائىر قارار لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىنغان. مۇزاكىرە يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە د ئۇ ق ئاخبارات-تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىپتىخار تەڭرىقۇت قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندتىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ لېسې-ماجېستا قانۇنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا دائىر قارار لايىھەسى» مۇزاكىرە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىلى مارت، ستراسبۇرگ، فىرانسىيە.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندتىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ لېسې-ماجېستا قانۇنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا دائىر قارار لايىھەسى» مۇزاكىرە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2025-يىلى مارت، ستراسبۇرگ، فىرانسىيە. (RFA/Ekrem)

بۈگۈن، يەنى 13-مارت كۈنى فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يىغىنىدا «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندتىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ لېسې-ماجېستا قانۇنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا دائىر قارار لايىھەسى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان.

ستراسبۇرگدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قارار لايىھەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشىگە ئېرىشكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، ئىنتايىن نازۇك بىر پەيتتە ئېلىنغان بۇ قارارنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە زور بىر ۋەقە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

قاراردا مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «2025-يىلى 2-ئايدا، تايلاند دائىرىلىرى 40 نەپەر ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئاشكارا بولغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلار خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە خورلاشلارغا ئۇچرىغان، كىشىلەر ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن. ئۇلار تايلاندنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە11 يىلنى ئۆتكۈزگەن، 5 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن (قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارمۇ بار) شارائىتنىڭ ناچارلىقى ۋە داۋالاشنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. يەنە باشقا ئۇيغۇرلار داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، بۇ بىلال مۇھەممەد ۋە يۈسۈپ مىرادىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار 15 يىلدىن بۇيان سوت قىلىنىش جەريانىدا ئادالەت تەرتىپلىرىنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىشىغا ئۇچرىغان».

د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا(سولدىن بىرىنچى)، مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن(ئوتتۇرىدا) ۋە ئاخبارات-تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىپتىخار تەڭرىقۇت(ئوڭدىن ئىككىنچى)لەر «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندتىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ لېسې-ماجېستا قانۇنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا دائىر قارار لايىھەسى» مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتى. 2025-يىلى مارت، ستراسبۇرگ، فىرانسىيە.
د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا(سولدىن بىرىنچى)، مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن(ئوتتۇرىدا) ۋە ئاخبارات-تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىپتىخار تەڭرىقۇت(ئوڭدىن ئىككىنچى)لەر «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تايلاندتىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ لېسې-ماجېستا قانۇنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا دائىر قارار لايىھەسى» مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتى. 2025-يىلى مارت، ستراسبۇرگ، فىرانسىيە. (RFA/Ekrem)

قاراردا يەنە مۇنداق بايان قىلىنغان: «تايلاند ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ھەيدەپ چىقىرىش، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، ئادالەتسىز سوتلاش ئارقىلىق ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالغان ‹قايتۇرۇشقا بولماسلىق› پىرىنسىپىغا، ‹تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› غا، شۇنداقلا ‹قىيناش، باستۇرۇش، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشكە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› قاتارلىق خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى».

مەزكۇر قاراردا يەنە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشلىرى ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالغانلىقى، تايلاندنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقى، تايلاند تۈرمىسىدە ھېلىھەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىشى، قايتۇرۇلسا ئېغىر تەن جازاسى ۋە دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرگە مۇساپىرلارنى قايتۇرۇشنى توختىشى لازىملىقى قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ ئورۇن ئالغان.

د ئۇ ق ئاخبارات-تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىپتىخار تەڭرىقۇت بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇشبۇ قارارنىڭ دەل ۋاقتىدا ئېلىنغان مۇھىم بىر قارار بولغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىپ تۇرۇش نۇقتىسىدىنمۇ خىتايغا بېرىلگەن بىر سىگنال بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.