تايلاندتىكى 48 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن مەزگىلدە، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە قېچىش سەۋەبى ۋە ئۇچرىغان تىراگېدىيەسىنى خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مىللىي باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە باغلاپ تەھلىل قىلغانىدى. شۇلاردىن بىرى، «زىمىستان» تورىنىڭ باش دىرېكتورى ماركو رېسپىنتى (Marco Respinti) بولۇپ، ئۇ 19-فېۋرال، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار قارشى قوراللىرى: تۇغۇتنى چەكلەش ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغانىدى. ماقالىدە، 11 يىل بۇرۇن تايلاندقا قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاينىڭ تۇغۇتنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، يەنى ئۇلارنىڭ بىللە ئېلىپ چىققان بالىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «نورمىدىن ئارتۇق تۇغۇلغانلار» ھېسابلىنىپ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى، قورساقتىكىلىرىنىڭ بولسا چۈشۈرۈۋېتىلىش خەتىرى بارلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىنى تاشلاپ، بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ خىتايدىن قاچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، 2014-يىلى ئەر-ئايال ۋە بالىلاردىن بولۇپ 350 تەك ئۇيغۇر خىتايدىن قېچىپ تايلاندقا ئۆتكەندە، مالايسىيا چېگراسىغا يېقىن جايدا تۇتۇلۇپ قالغان.
-2015يىلى تايلاند خىتاينىڭ تەلىپى ۋە بېسىمى بىلەن 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغان. كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان 173 ئۇيغۇر تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن. قالغان 53 نەپەر ئۇيغۇر تايلاندتىكى كۆچمەنلەر مەركەزلىرىدە مەھبۇس ھاياتىنى ياشىغان. بۇ جەرياندا بەش ئۇيغۇر قازا قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى بالا بار. قالغان 48 نەپەر ئۇيغۇر تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان، ئۇلاردىن بەش نەپىرى قېچىشقا ئۇرۇنۇپ قايتا تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ماركو رېسپىنتى مەزكۇر 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەتىرى كۈچىيىپ، خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىگە قايتا دىققىتى قوزغالغان مەزگىلدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، بىر مەزگىل ئۇنتۇلۇپ قالغان بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ چىقالىغاندىن كېيىنمۇ، خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە بېسىمىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى، ئەركىنلىك ئىزدەپ چىققان شۇ ئىنسانلارنىڭ يەنىلا ئون نەچچە يىل مەھبۇسلۇقتا ياشاپ، ئاقىۋەت يەنىلا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەتىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمەستىن، ئەكسىچە خىتايغا يانتاياق بولۇۋاتقانلىقنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ماركو رېسپىنتى 20-فېۋرال رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان سۆزىدە، شۇنچە يىل مەھكۇملۇقتا ياشاپ يەنىلا ئەركىن بولالمىغان بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ ياردەم قىلمىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى خىتاينىڭ قوينىغا ئىتتىرىشتە خىتاي بىلەن شېرىك بولغانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:
«خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆپ قېتىم ئەيىبلىشىگە قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى دۇنياغا يامرىغان بىر ۋاباغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كۈچى ۋە ھىيلە-مىكرىنى ئىشقا سېلىپ، چەتئەلدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ زەربە بەرمەكتە. كىشىنى ئەڭ چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ياكى مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ سانلىق بولغان دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىماقتا. مانا بۇ قاتتىق ئەيىبلىنىشى كېرەك».
ماركو رېسپىنتى يەنە تايلاندتا 10 نەچچە يىلدىن بېرى مەھبۇسلۇق ھاياتىنى ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قېچىش سەۋەبىنى، خىتاينىڭ نوپۇس قىرغىنچىلىقى سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە باغلايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ماكانىنى تاشلاپ چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، ئۇ ئەسلىدىنلا بىر تىراگېدىيەدۇر، ئۇنىڭ بىر سەۋەبىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن نوپۇس ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن ئىزدەش كېرەك. خىتاي 1979-يىلدىن 2015-يىلغىچە تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى. سانسىزلىغان تىرىك جان ھامىلە پېتى چۈشۈرۈۋېتىلدى، مىليونلىغان ئىنسان تۇغۇلالمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلغا كەلگەندىلا نوپۇس سىياسىتىنى بوشاتتى، ئەمما ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە نىسبەتەن، خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلىمىسى ئەڭ ئېغىر بولدى، ئەگەر ئۇيغۇر ئاياللىرى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى، بالىياتقۇغا ئەسۋاب ئورنىتىشنى ياكى تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشنى رەت قىلسا لاگېرغا كىرىش خەۋپىگە ئۇچرىدى. 2015-يىلىغا قەدەر پىلانلىق تۇغۇتتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنى ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلالمىدى، بۇنداق ‹قانۇنسىز تۇغۇلغان› بالىلار چوڭ بولسا بانكىدىن ھېساب ئاچالمايدۇ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر ئۇلارغا چەتئەلگە قېچىش پۇرسىتى كەلسە، شۇ يولنى تاللايدۇ.».
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ بىراقلا 48.7 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. ماقالىدە بۇ ئەھۋالغا باھا بېرىلىپ: «بۇ سىياسەت خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئىرقىي تازىلاش شەكلىنىمۇ ئالغان. بۇ رايوننى خىتايلاشتۇرۇش رەھىمسىز مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا ‹ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش›نى مەخپىي ئۇسۇلى».
بۇ ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە قاچماي، تايلاند، بىرما، ۋىيېتنام دېگەندەك دۆلەتلەرگە قېچىشىدىكى بىر سەۋەبىنىڭ، خىتاينىڭ ئەتراپتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن زىچ ئىتتىپاق قۇرغانلىقى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى ئاسانلا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خەۋپى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى خەۋىرى چىققاندىن كېيىن، دېموكراتىك دۆلەتلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىپ كەلگەنىدى. ئەمما تايلاندنىڭ باش مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىماي 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
ماركو رېسپىنتى بۇ ھەقتە 27-يانۋار رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، تايلاندنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نومۇستۇر، بۇ خىتاينىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتەك قەبىھ ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇر 2014-يىل 3-ئايدا تايلاندتا تۇرۇپ تۇرۇلغاندىن باشلاپلا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئۇيغۇر 11 يىل بۇرۇن ياش قۇرامىغا يەتمىگەن ۋاقتىدىلا سولانغان، ئەينى چاغدا ئۇلار ئۆز يۇرتىدىكى ۋەھشىي زۇلۇمدىن قېچىپ چىققان. ئەمدى ئۇلار يەنىلا خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالماي خىتايغا قايتۇرۇلدى. ئۇ يەردە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم. 2015-يىل تايلاند ھۆكۈمىتى 350 ئادەمدىن 109 ئادەمنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، خەلقئارا جەمئىيەت قاتتىق غەزەپلەنگەنىدى، بۇنىڭ بىلەن ھېچ بولمىسا ئاياللار ۋە بالىلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان 173 ئۇيغۇر تۈركىيەگە قايتۇرۇلدى. تايلاندتا قالغانلاردىن ئىككى بالا بىلەن قوشۇپ 5 ئۇيغۇر ئۆلۈپ كەتتى، 5 ئۇيغۇر قېچىپ تۇتۇلۇپ قېلىپ 12 يىللىق كېسىلدى. قالغان 43 نەپىرى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قىيىن شارائىتلاردا كۈن كەچۈردى. ئەمدى ئۇلاردىن يەنە 40 نەپىرى خىتايغا تۇتۇپ بېرىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈشتىن توختاپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ھەمدە تايلاندنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولۇش قىلمىشىنى پاش قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھېساب سورىشى كېرەك».