«پىلانلىق تۇغۇت»، «تۇغۇتنى چەكلەش ئوپېراتسىيەسى» «جەرىمانىگە تۇغۇلغان بالا» دېگەن ئاتالغۇلار ئۇيغۇرلارغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك. مەلۇم بولۇشىچە 1990-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا شەھەردىكىلەر ئىككى، يېزىدىكىلەر ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغان. 2009-يېلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا بولغان نوپۇس كونتروللۇقى ئارتقان. 2016-يىلىنىڭ باشلىرىدا تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان بولمىغان ھەر قانداق ئائىلىنىڭ ئەزالىرى(ئەر ياكى ئايال) يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان. ئائىلىنىڭ قۇربىنى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە ئېغىر جەرىمانە قويۇلغان.
29-ئىيۇن گېرمانىيەلىك خىتاي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز دۇنيا جامائەتچىلىكى نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيۋاتقان خىتاينىڭ سىرلىق «ساقچى دۆلىتى» - ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت يەنە بىر پارتلىغۇچ خاراكتېرلىك ھۆججەتنى ئاشكارىلاپ دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ يىل 17-فېۋرال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىگە ئائىت «قاراقاش تىزىملىكى» نى ئېلان قىلىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
28 بەتلىك «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق ھۆججەتلىك دوكلاتتا تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» گە ئائىت رەسمىي ھۆججەتلىرىدىكى مەزمۇنلار ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان پىلانلار ئاشكارىلانغان.
دوكلاتتا ئاشكارىلانغان مەزمۇنلارغا قارىغاندا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار لاگېرلارغا «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلىدىكەن. بۇ يىل فېۋرالدا ئاشكارىلانغان قاراقاش ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلگەن، كىشىلەرنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىبارەت بۇ ئىككى رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 2015-يىلىدىن باشلاپ تىك سىزىق بىلەن تۆۋەنلەپ ماڭغان. 2020-يىلىغا كەلگەندە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى نۆل بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ قاتتىق كونترول قېلىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا زور كۆلەمدە خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى دېيىلگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئىشلار كومىتېتى 30-ئىيۇن «ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرىغا ئېلىپ بېرىلغان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى. خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈپەت سۆزى ئىشلىتىپ ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى›دەپ كەلگەن. ھازىرقى پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتى ئوپئوچۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىق».
ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەتتە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ كەم دېگەندە 80% ئىنى تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئوپېراتسىيەسى (IUD ياكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش) قىلدۇرغان. 2018-يىلىدىكى ستاتىستىكىغا قارىغاندا، بارلىق يېڭى تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ 80% پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ 1.8 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو ئۇيقۇلارغا ئىلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئېچىنىشلىق باستۇرۇش قىلمىشىنى توختىتىشقا چاقىردى. ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزاسى ئىيەن دانكىن بولسا ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق «ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ»، دېدى.
خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىشقا سەۋەب بولغان بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىرقى ھايات ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلىدىغان ئۇيغۇرنىڭ سانىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىش پىلانى. نوپۇس ئاز بولغاندا كونترول قىلىش ئاسان بولىدۇ. ئۈزلۈكسىز خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەۋاتقانلىقى مەلۇم، بۇ بېسىۋېلىنغان زېمىنغا يۈرگۈزۈلىدىغان سىياسەتنىڭ بىرى. ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش، خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈش ۋە خىتايلارغا ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش قاتارلىق بۇ ئۈچ تۈرلۈك سىياسەت ئۇيغۇر رايونىنى كونترول قىلىش سىتراتىگىيەسىدۇر».
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ سىتراتىگىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەھشىي سىياسەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى تۈپتىن يوقىتىش بولۇپ، ئادرىيان زېنىزنىڭ بۇ دوكلاتى بۇنى ئىسپاتلىدى. خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇ ئىرقىي قىرغىنچىققا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ دوكلاتتىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى قوغداپ قىلىش ئىېھتىماللىقى ئاشىدۇ».
ئاخىرىدا ئادىرىيان زىنىز ئەپەندى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شۇنداق خىتاب قىلدى: «ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى توختىتىش بىزنىڭ ئەخلاقى ۋە ئىنسانى بۇرچىمىز. مەن جىددىي قانۇنى قارارلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللىنىلمايدىكەن، تارىخ ئالدىدىكى ئىنسانىي جاۋابكارلىقىمىز تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ ۋە بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مەڭگۈلۈك داغ بولۇپ قالىدۇ».
0:00 / 0:00