مەلۇمكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى «ئافغان خەلقىگە ياردەم كۆرسىتىش» باھانىسى بىلەن 1979 - يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.
ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئون يىل مابەينىدە ئافغانىستان يېرىدە يۈرگۈزۈلگەن قانلىق جەڭلەردە مىڭلىغان بىگۇنا خەلق قۇربان بولۇپ، مەملىكەت مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى. بۇ جەرياندا سوۋېت ئەسكەرلىرىمۇ ئۆز زېمىنىنى باسقۇنچىلاردىن قوغداشقا بەل باغلىغان يەرلىك ئاھالە تەرىپىدىن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى.
ئەنە شۇ ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە كىرگەن دەسلەپكى سوۋېت ھەربىي قوشۇنلىرى تەركىپىدە ئۇيغۇرلارمۇ بولدى. شۇلارنىڭ بىرى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىدىن ھەربىي خىزمەتكە چاقىرتىلغان رايدىن ئابدۇللايېف دەسلەپتە سوۋېت ئەسكەرلىرىنىڭ گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى قىسىمىدا بىر يىل خىزمەت قىلىپ، ئاندىن ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن.
ئۇ بىر يىل داۋامىدا 17 ھەربىي ئوپېراتسىيىگە قاتنىشىپ، جەڭلەردىكى قەھرىمانلىقى ئۈچۈن «جاسارىتى ئۈچۈن» مېدالى ۋە «ئالتۇن يۇلتۇز» ئوردېنى بىلەن تەقدىرلەندى. ئامما ئۇ مەزكۇر ئوردېننى قازاقىستان ۋە رۇسىيەنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشى قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا پەقەت 33 يىلدىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ر. ئابدۇللايېف بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سۈرەتتە: رايدىن ئابدۇللايېف ئۆز يۇرتىدا ئۆتكەن مۇكاپات تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا. 2013 - يىل، سېنتەبىر.
0:00 / 0:00