يېقىندىن بۇيان خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، ساقچىلارغا 1 مىنۇت ئىچىدە ئوق چىقىرىش رۇخسىتى بېرىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «تېررورچى ياكى تېررورلۇققا ئۇرۇنغان» دېگەن باھانىلەردە نەق مەيداندا باستۇرۇلۇش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق ئەھۋاللار خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ خىتاي دائىرىلىرى «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇشىنىڭ، «ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن مىللەت بويىچە دۈشمەن» دەپ ئېلان قىلىپ، بىر مىللەتكە قارىتا «دۆلەت تېررورىزمى» يۈرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل باستۇرۇش ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە توختالدى.
خۇ پىڭ ئۆز قارىشىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلار بويىچە ئوتتۇرىغا قويدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى دۈشمەن قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ»
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭ قارىشىمچە ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى دۈشمەن قىلىش سىياسىتى. بۇ سىياسەتنىڭ ئاقىۋىتى دۈشمەننى كۆپەيتىدۇ. يەنى ئاتالمىش «تېررورچىلار»نى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ئەھۋالىنى بىز ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. كومپارتىيە قانچە باستۇرغانسېرى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى شۇنچە كۆپىيىۋاتىدۇ. خىتايدا دېيىلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەھۋالغا ئوخشىمايدۇ. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەت-ماتېرىياللىرىدىمۇ، خىتايدا يۈز بەرگەن ئاتالمىش «تېررورلۇق ھۇجۇملىرى»نىڭ زور كۆپچىلىكى ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلارغا قارىتىلغانلىقى ئېنىق قىلىپ يېزىلغان. يەنە بىر جەھەتتىن بۇ خىل قارشىلىقلار ھەممىسى يەككە يېگانە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ياكى بولمىسا يېقىن ئاغىنىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار بىرلىكتە ئەڭ ئىپتىدائىي ھالەتتىكى قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.مانا بۇ نۇقتىلار خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىدىن يۈز بەرگەن بارلىق قارشىلىقلارنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ بېكىتىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى دۈشمەن قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.
«بۇ خىل قارشىلىقلار شۇ يەردىكى خەلقنىڭ قارشىلىقى، چەتئەللەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە يېقىنقى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە توختىلىپ، گەرچە بۇ ۋەقەلەردە ھۇجۇم نىشانى ئاۋام پۇقرالار بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تىلغا ئېلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىق يولىغا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:
2-جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىمۇ ئەمەلىيەتتە يەككە ھالدا ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى. ئۇلارنىڭ تەشكىلاتى يوق، چەتئەللەردىكى ئاتالمىش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ ئالاقىسى يوق. ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش قوراللىرىمۇ پىچاق قاتارلىق ئىپتىدائىي قوراللار. دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى ئۆز جېنىدىن كېچىپ بۇ خىل رادىكال قارشىلىق يولىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.
«خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزگەن دۆلەت تېررورىزمى ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتتى، ئۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرى گۆرۈگە ئېلىنغان ھالەتتە ياشاۋاتىدۇ»
خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېررورىزمى يۈرگۈزۈشى ئۆچمەنلىكنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىدا ۋەھىمە كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
باشقىچە قىلىپ ئېيتساق دائىرىلەر قوللىنىۋاتقان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋاسىتىسى ئاللىقاچان ئەڭ رادىكال ھالەتكە يەتتى. ھەتتا تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتتا تېررورلۇق ئۇچۇرلىرى تارقاتتى دېگەن باھانىدە كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، جازاغا ھۆكۈم قىلماقتا. ئۇلار ئاددىي خەلقنىڭ يەككە قارشىلىقىنى مەجبۇرى ھالدا «ئاتالمىش چەتئەلدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى دۆلەت تېررورىزمى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامى ئاستىدا قالايمىقان ئادەم تۇتۇۋاتىدۇ، خالىغانچە ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ساقچىلارغا 1 مىنۇت ئىچىدە ئوق چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلىشى بۇ بىر ئاي ئىچىدە نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ بىھۇدە ئۆلۈمى ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. جەمئىيەتتىكى ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىپ تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، خىتايدا ھۆكۈمەت تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى تەكىتلەيدىغان، خىتاي پۇقرالىرىدا «تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەھىمىسى» كۈچەيگەن ۋەزىيەت شەكىللەندى. ھازىر خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئۆز ھاياتىدىن ئەنسىرەش ۋەھىمىسى ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولدى. بۇلارنى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»نى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلىشى، تۇتقۇن قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىشى، بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقاتلارنى زىيادە كۆپ بېرىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىر رايوندىكى مىللىي ئۆچمەنلىك كەيپىياتى كۈچىيىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى خىتايدىكى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىمۇ ئاللىقاچان ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى «شىنجاڭدىكى خەنزۇلار گۆرۈگە ئېلىنغان ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.
«خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت تېرورىزمىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىشى كېرەك، ئەمما ئۈمىد زور ئەمەس»
نيۇ يوركتا نەشر قىلىنىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان «دۆلەت تېررورىزمى» شەكلىدىكى رادىكال باستۇرۇشنىڭ يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىمى كۈچەيسە، بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇسۇل جەھەتتىن تۈزىتىش كىرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭدىن ئۈمىد زور ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
دۆلەت تېررورىزمى تۈسىنى ئالغان رادىكال باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىشى،ھەممىلا جايدا ۋەھىمىلىك كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى. مېنىڭچە ھازىر بۇ خىل باستۇرۇشتا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولۇش ئېھتىمالى ئاز. ئەمما ئەگەر خىتايغا ھەر جەھەتتىن بېسىم كۈچەيگەن ئەھۋالدا ئۇلار ھازىرقى «رادىكال باستۇرۇش ھالىتى» نى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ «تېررورىزمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان»لىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتە ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. خەلقئارا جەمئىيەت نۆۋەتتە خىتايدا يۈز بەرگەن قارشىلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. چۈنكى رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ جەھەتتىكى بېسىمنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نۆۋەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزگىرىشىدە ئۈمىد يەنىلا ئاز.