ساقچىخانا خادىمى: «يېڭى يىل ھارپىسىدا 24 سائەتلىك چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى يىل ھارپىسىدا دائىرىلەرنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە قاراتقان ئاتالمىش «مۇقىملىق» تەدبىرلىرى پەۋقۇلئاددە كۈچەيمەكتىكەن.

پۈتكۈل ئىنسانىيەت مىلادىيە كالېندارىدىن 2015-يىلىنى ئۇزىتىپ، 2016-يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان مۇشۇ پەيتلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىخانا خادىملىرى بىلەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە 24 سائەتلىك «چارلاش» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىگە قاراشلىق موكويلا يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلئاددە جىددىي پەيتتە «24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك» تە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

موكويلا ساقچىخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە تەۋەلىكتىكى كەنت ۋە مەھەللىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان كېچىلىك «چارلاش» ئادەتتە 3 گۇرۇپپا مەسئۇل خادىملارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يەنى يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق بىر نەپەر مەسئۇل ساقچى ۋە 3 نەپەر ياردەمچى ساقچى شۇنداقلا ھەر بىر كەنتتە 10 نەپەردىن تەشكىل قىلىنغان «خەلق ئەسكىرى» (مىنبىڭ) بىرلىشىپ كېچىلىك چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن. «چارلاش» نىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەۋەلىكتىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى تەكشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سىرتتىن كەلگەن «گۇمانلىق كىشىلەر» نىڭ بار-يوقلۇقىنى تىنتىشقىمۇ قارىتىلغان ئىكەن.

ساقچىخانا خادىملىرى يەنە «كېچىلىك ئومۇمىي چارلاش» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۈندۈزدە ھەر بىر مەھەللىدىن «5 ئائىلىنى نۇقتا قىلىپ مەخسۇس چارلاش» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈندە 5 ئائىلىنى تاللاپ نۆۋەت بويىچە تەكشۈرۈش ئىشى ساقچىخانىلارنىڭ كۈندىلىك ئىش كۈنتەرتىپىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

بىز خوتەندىكى بۇ ئەھۋالنىڭ باشقا ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە بار-يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن سۆزلىشىشكە تىرىشتۇق.

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىغا «مۇقىملىق» ساقلاش ئۈچۈن «تۆۋەنگە چۈشكەن» بىر كادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىخانىلارنىڭ كۈندە ئېلىپ بارىدىغان ئومۇميۈزلۈك «چارلاش» خىزمىتىدىن باشقا، كەنتتىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، يەنى كەنت مەسئۇللىرى، «مۇقىملىق» كادىرلىرى ھەمدە ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» بىرلىكتە «دىنىي ئەسەبىيلىك» دەپ قارالغان ھەرقانداق دىنىي پائالىيەتلەرگە «كۆز-قۇلاق» بولىدىكەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.