ئۇلرىخ دېلىئۇس: گېرمانىيە 2016-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ

0:00 / 0:00

بۇ يىل 24‏-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا گېرمانىيە تەرەپ تۈرمىدىكى بەزى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ دېلوسى، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىككە، يىغىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، كۆچمەنلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ ئۇچۇرنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى يېقىندا گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە بەرگەن مەلۇماتىدا ئاشكارىلىغان. گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى.

ئۇ گېرمانىيە تەرەپنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇزاكىرىگە قويۇشى كىشىنى ئىلھام بېرىدۇ، دېدى. ئۇلرىخ دېلىئۇس: «بۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر يۈزلىنىش. چۈنكى، شۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئاخىرى قىسمەن بولسىمۇ نەتىجىسىنى كۆردۇق. دېمەك، ئۇلار بىزنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىمىزنى چۈشەندى. ئۇلار بىز تەمىنلىگەن ئۇچۇر بىلەنلا بولدى قىلىپ قالماي، ئۆزلىرىمۇ ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىپ، ئۇ رايوندا يۈز بەرگەن نۇرغۇن پاراكەندىچىلىك ۋە قولغا ئېلىنىشلاردىن خەۋەردار بولدى.»

شۇ قېتىمقى گېرمانىيە-خىتاي دىئالوگى ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۆتكۈرلىشىپ، د ئۇ ق خەلقئارا جەمئىيەتنى رايونغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

ئۇلرىخ دېلىئۇس، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى تىبەتنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىغاندا بەك ئېغىر، دەيدىغان تەسىرات پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ بىز ئۈچۈن بىر يېڭىلىق، دېدى.

ئۇلرىخ دېلىئۇس: «گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى باياناتچىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن ئالغان تەسىراتى تىبەتنىڭكىدىن تېخىمۇ جىددىي. بۇ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر يېڭىلىق. چۈنكى، بىز گېرمانىيە سىياسەتچىلىرىدىن تىبەت ھەققىدە سۆزلەپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ سۆزلەشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پائالىيەت قىلىپ كەلگەن ئىدۇق.
ئاخىرى، بىز گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىلىدىن شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتى تىبەتتىنمۇ نازۇك ۋە مۇرەككەپ، دېگەن تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇلار ‹شەرقىي تۈركىستانىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بارلىق ساھەلىرىدىكى بۇزغۇنچىلىق تىبەتتىنمۇ خەۋپلىك› دېگەن تەسىراتنى ئالغان ئىدى.»

بىراق د ئۇ ق نىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىجابىي تەرەققىيات بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم مەسىلە.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا قارشى كۈچلۈك بىر مېخانىزم قۇرۇشى كېرەك، دېدى.

دىلشات رىشىت: «مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئەلۋەتتە خىتايغا بېسىم بولىدۇ. لېكىن مەسىلىنى قويۇش بىلەنلا ئىش ھەل بولمايدۇ. مەسىلىنى قويۇشتىن سىرت، شۇنىڭغا لايىق قانۇن-تۈزۈملەرنى چىقىرىش ئارقىلىق خىتايغا ئۈنۈملۈك بېسىم ئىشلەتمىگىچە، رەسمىي دۆلەت شەكلىدە خىتايغا بولغان قانۇنى بېسىم بولمىغۇچە، سۆھبەت ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپلەپ بولۇپ تۇرۇشىنى، لېكىن ئۈنۈملۈك بېسىم ئىشلەتمىگىچە خىتاينىڭ مىللىتىمىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى توختىتىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق بېشارەت يوق.»

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2016‏-يىلدىكى ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىن. ئۇ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ، رايوندا توقۇنۇشنىڭ ئېغىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسا، تېخىمۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت: «2016‏-يىلدىكى ۋەزىيەت ئادەم ئەنسىرىتىدۇ. خىتاي ھازىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا قانۇن لايىھەلىرىنى چىقاردى. بۇ قانۇن مىللىتىمىزگە قارىتىلغان. 2016‏-يىلدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى تېخىمۇ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. توقۇنۇش، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈش 2016‏-يىلى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ ھازىرغىچە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ياكى بولمىسا رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرمەسلىك، مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بىر قەدەم ماڭغانلىقىنى كۆرگىنىمىز يوق. شۇڭا، خىتايغا ئېغىر دەرىجىدە بېسىم بولغاندا شۇنداق بىر توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن.»

گېرمانىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدىكى يېڭى ئەھۋال دىئالوگدا گېرمانىيە تەرەپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمىگىن.

ئىلگىرىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگلىرىدا قارشى تەرەپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان زامان ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋېتىش خىتاي تەرەپ ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن بىر خىل تاكتىكا ئىدى.

ئۇلرىخ دېلىئۇس: «دىئالوگدا خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسى ھېچ بولمىسا ئۇلار گېرمانىيە تەرەپنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمىگىن ياكى يىغىندىن چىقىپ كەتمىگەن. گېرمانىيە تەرەپ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ بىزگە، دەپ بېرىشىچە، سۆھبەت ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ئۆتكەن. ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلىشىش ئاساسەن ئىمكانسىز نۇقتىغا يېتىپ بارغان. گېرمانىيە تەرەپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دائىر پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى تەكىتلەپ تۇرۇۋېلىپ، بۇ مەسىلىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرمىغان. ئۇلار بۇ مەسىلىدە ھەرقانداق تەنقىد ئاڭلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرمىگەن.
بىراق، بۇ دىئالوگدا گېرمانىيە تەرەپ ھېچ بولمىسا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى، رايوندا زوراۋانلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مۇۋەپپەق بولغان.»

1‏-نۆۋەتلىك گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 2004‏-يىلى 7‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ھەر يىلى بىر قېتىم كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈپ كەلدى.

ئەمما بەزى پائالىيەتچىلەر گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 12 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىبەت ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋاملىق دىئالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتىگە گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن.

ئەمما د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، د ئۇ ق نىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دىئالوگ ھېچ بولمىسا كىشىلىك ھوقۇقنى خاتىرىلىتىپ تۇرۇشقا يارايدۇ» دېدى.